شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىدە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى خاتىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
2008 - يىلى 12 - نۇيابىر چارشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن جەمئىيەت مەركىزىدە، 1933 - يىلى 12 - نۇيابىر قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتىنى ۋە 1944 - يىلى 12 - نۇيابىر غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيتىنى خاتىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلات ۋەكىللىرى، ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر- قازاق ھەمشەھەرلەر بولۇپ جەمئى 150 دىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلدى.
فوتۇ: مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئابلىكىمخان مەخسۇم سۆز قىلىۋاتقان كۆرۈنۇشى
مۇراسىمغا شەرقىي تۈركستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ باش كاتىپى دوكتۇر ئالىمجان ئاتاۋۇللاھ رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇراسىمدا 1933 - يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتى ۋە 4419 - يىلى 12 - نۇيابىر غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيتىنى قۇرۇشتا ئېسسىق قېنىنى پىدا قىلغان شەھىدلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تاماملاپ دۇئا قىلىندى. مۇراسىمدا يەنە ئۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرلەش مۇناسىۋېتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى تەشۋىقات بۆلۈمى تەرىپىدىن تەييارلانغان 15 مىنۇتلۇق ھۆججەتلىك فىلىم تەقدىم قىلىندى. ئۇ فىلىمدا 1933 - يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرى سابىت ئابدۇلباقى ۋە 44 - يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ئەلىخان تۆرەمنىڭ ئىش - ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلۇش بىلەن بىرگە بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنى قۇرۇشنىڭ ئالدى كەينىدە ئىسسىق قېنىنى پىدا قىلغان شەھىدلەرگـە ئاتاپ مەرسىيە ئوقۇلغان.
فوتۇ: مۇراسىمدا، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، سۆز قىلىۋاتقان كۆرۈنۇشى
مۇراسىمدا، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، "شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ تارىخى ئەھمىيتى" دېگەن تېىمىدا، شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پروفېسسور دوكتۇر سۇلتان مەھمۇد قەشقەرلى، "ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە يىمىرلىشىدا رۇسىيەنىڭ رولى" دېگەن تېمىدا، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيتىنىڭ باشلىقى دوكتۇر ئەخمەت تۈركوز، "20 - ئەسىردە شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەت ۋە بۇگۈنكى ۋەزىيەت" دېگەن تېمىدا، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئابلىكىمخان مەخسۇم، 1933" - يىلى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغان ۋاقىتتىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيتى" دېگەن تېىمىدا، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ كاتىپى، " 1933- يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتى ۋە 44 - يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيتىنىڭ قۇرۇلۇش جەرىيانى " دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.
فوتۇ: شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پروفېسسور دوكتۇر سۇلتان مەھمۇد قەشقەرلى، "ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە يىمىرلىشىدا رۇسىيەنىڭ رولى" دېگەن تېمىدا سۆز قىلىۋاتقان كۆرۈنۇشى
ئابلىكىمخان مەخسۇم سۆزىدە ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك دۈشمىنى ئامېرىكا بولماستىن بەلكى خىتاي ئىكەنلىكىنى خىتاينىڭ ھازىر پۈتۈن دۇنياغا تەھتىد بولىۋاتقانلىقىنى بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خوشنا دۆلەتلەرگە تەھتىد بولىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ھەقتە دۇنيا مەتبۇئاتىدا خەۋەر ماقالىلار ئېلان قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئارسىلان
www.maarip.org