شەرقىي تۈركىستان پاجىئەسى دېگەن كىتاپ نەشىردىن چىقتى
2008-10-15
ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇن قىممەتلىك تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە نادىر ئەسەرلىرى خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن ئاتالىمىش مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى دەۋرىدە پۈتۈنلەي كۆيدۈرۋېتىلگەن. شۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى مۇستەقىللىق تەقدىرىگە زېچ مۇناسىۋەتلىك تارىخىي كىتاپلىرى يوق دىيەرلىك، بولۇپمۇ 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئوتتۇرلىرىغىچە ئۇيغۇر دىيارىدا بولۇپ ئۆتكەن قانلىق ۋەقەلەر، مىللى مۇستەقىللىق ئىنقىلاپلار ھەققىدىكى مەلۇماتلار يىتەرلىك ئەمەس ياكى يوق دىيەرلىك. يېقىندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى تەشۋىقات بۆلۈمى تەرىپىدىن «شەرقىي تۈركىستان پاجىئەسى» ناملىق تارىخىي كىتاپ نەشىر قىلىندى. بۇ كىتاپتا ئاساسلىقى 1933 - يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانداق قۇرۇلغانلىقى ۋە كىملەر تەرىپىدىن قانداق ئاغدۇرۇلغانلىقى ھەققىدە تەپسىلى تارىخىي ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
«شەرقىي تۈركىستان پاجىئەسى» دېگەن كىتاپنى ئوقۇڭ ئوقۇماق ۋە توردىن چۈشۈرمەك ئۈچۈن بۇ يەرنى چېكىڭ
http://www.maariponline.org/uyghur/paaliyet/2008/10/turkistan-fajiesi.pdf
شەرقىي تۈركىستان فاجىئەسى دېگەن كىتاپنىڭ مۇقاۋىسى
بۇ كىتاپنى ئەينى زاماندىكى ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەرنى ئۆز كۈزى بىلەن كۆرگەن ۋە شۇ ۋەقەلەرنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرۈپ مىڭبىر جاپادا ئۆلۇمدىن قۇتۇلۇپ، چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن مۇسا تۈركىستانى دېگەن شەخس تەرىپىدىن يېزىلغان. بۇ كىتاپنىڭ ئاپتۇرى مەزكۈر تارىخىي كىتاپنى ئۇيغۇر دىياردىن چەتئەلگە قېچىپ چىققاندىن كېيىن يازغانلىقى ئۈچۈن مەزكۈر كىتاپ خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن كۆيدۈرۈلىىشتىن ساقلىنىپ قېلىپ زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن.
بۇ كىتاپنى ئوقۇشنى ئىختىيار قىلغۇچىلار شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئيتى بىلەن ئالاقىلاشسا ئۇ كىتاپقا ئېرىشەلەيدۇ. ئالاقىلىشىش ئادرىسى:
Adresi: Ördek Kasap Mah. Millet Cad Gülşen Apt. No: 108 D:5 Fatih / İstanbul / Türkiye
Tel: +90-212-523 28 77 Fax: +90-212-523 28 76
web: www.maarip.org E-mail: info@maarip.org uyghurmaarip@yahoo.com
ئارسلان
www.maarip.org