خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ قانلىق باستۇرۇش ھەرىكەتلرىنى غەزەپ بىلەن ئەيىپلەيمىز
2008-07-12
2008 - 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى 10 مىڭ كىشى قاتناشقان ئوچۇق سوت ئاچتى. سوتتا ئابدۇۋېلى ئىمىن. موختار سېتىۋالدى قاتارلىق ئۇيغۇر ياشلىرىغا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان 20 نەپەر ئۇيغۇر ياشلىرىغا سوت ھۆكۈم قىلدى.
بۇ شەخىسلەرنى 2000 - يىلدىن باشلاپ. تېررورلۇق مەشىق بازىسى قۇرۇپ. مانىۋېر ئۆتكۈزگەن. پارتلاتقۇچ بويۇملارنى ساقلىغان. توشىغان. ئوغرۇلۇق. بۇلاڭچىلىق قىلغان. تەبلىغ قىلىش. ئاڭلاش. قانۇنسىز ئۈن - سىن بويۇملىرىنى ئاڭلاش. كۆرۈش قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلغان دېگەندەك ئاساسسىز سەپسەتىلەر بىلەن ئەيىپلىگەن. ھەمدە ئۇلارنى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيسىگە ئەزا بولۇپ. مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شوغۇللانغان دەپ داۋا قىلغان.
كوممۇنىست سوتچىلار خىتاي دائىرلىرىغا خۇشامەت قىلىپ. ئابدۇۋېلى ئىمىن. مۇختەر سېتىۋالىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىپ. دەرھال ئىجرا قىلىش. سىياسى ھوقۇقىدىن ئۆمۈرلۈك مەھرۇم قىلىش جازاسى ھۆكۈم قىلدى. ئۈچ نەپىرىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىپ 2 يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش. سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرلۈك مەھرۈم قىلىش جازاسى ھۆكۈم قىلىندى. قالغانلىرىغا 10 يىلدىن مۇددەتسىزگىچە قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان. ئۆلۈم جازاسىنى شۇ كۈنى قۇرال بىلەن ئېتىپ ئىجرا قىلغان.
ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻗﭽﯩﻼﺭ يەنە ﺳﻪﻳﺸﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﻨﯩﯔ ﺷﺎﻣﺎﻟﺒﺎﻍ ﻣﻪﻫﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺭﻭﺩﺍ ﺗﺎﺯﯨﻼﺵ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﻗﻮﺭﻭﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﻨﺎ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺎﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺷﻼﺭﺩﯨﻦ 5 ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺗﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ.
ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﻪﺭ ﻳﻪﻧﻪ 2 ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﯨﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ 8 ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﻣﻪﻛﺘﻪ. ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﻪﺭ ﻫﺎﺩﯨﺴﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﺷﻼﺭﻧﻰ"جىھاد قىلغۇچىلار" ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ
ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ 8 - ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﺳﻪﻳﺸﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻕ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﻗﻮﺭﻭﺳﯩﺪﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ 5 ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺗﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ، 2 ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﯨﻼﻧﻐﺎﻥ، 8 ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﯞﻩﻗﻪ ﺷﺎﻣﺎﻟﺒﺎﻍ ﻣﻪﻫﻪﻟﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ "ﭼﯧﻨﮕﯘﺍﯓ ﺑﺎﻏﭽﯩﺴﻰ" ﻗﻮﺭﻭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺑﯩﻨﺎﺳﯩﻨﯩﯔ 3 - ﺋﯩﺸﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﯞﻩﻗﻪ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ 15 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺰ - ﻳﯩﮕﯩﺖ "ﭼﯩﻨﮕﯘﺍﯓ ﺑﺎﻏﭽﯩﺴﻰ" ﻗﻮﺭﻭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺑﯩﻨﺎ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺶ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ 5 ﻧﻪﭘﯩﺮﻯ ﻗﯩﺰ، 10 ﻧﻪﭘﯩﺮﻯ ئوغۇل ئىكەن.
خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتتۇر. چۈنكى كۆپىنچە دۆلەتلەردە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشنى بىكار قىلىۋاتقان بولسىمۇ خىتاي كوممۇنىستلىرى دىكتاتۇر تۈزۈم يۈرگۈزۈپ ھەق ھوقۇق ئادالەت. ئازاتلىق. ھۆرلۈك تەلەپ قىلغان شەخىسلەرنى تېررورچى. مۇستەقىلچى. بۆلگۈنچى دېگەندەك جىنايەتلەرنى ئارتىپ خالىغانچە ئۆلتۈرۈپ. تۈرمىلەرگە سولىماقتا. مۇشۇنداق بىر دىكتاتۈر كوممۇنىست دۆلەتتە ئىنسان ھەقلىرىنىڭ سىمولىي بولغان ئولىمىپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشكە روخسەت قىلغان ئولىمىپىك تەنتەربىيە كومتېتتىنىڭ قايتىدىن ئويلىنىشىنى تەلەپ قىلىمىز. خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە دېموكراتىيەگە ئۈلگە بولۈشنى جار سېلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ بۇ خىل جىنايىى قىلىمشىلىرىغا سۈكۈت قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلىمىز. دۇنيادىكى پۈتكۈل دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ بۇ جىنايى قىلمىشلىرىدىن ھىساپ ئېلىشنى تەلەپ قىلىمىز.
بىز شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىپلەيمىز.
شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىللىق.
ئىگەللىگەن يېڭى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ھازىر خىتاي بۇ خىلدىكى ھەق ھوقۇق ئادالەت. ئازاتلىق. ھۆرلۈك تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلارنى كۆپلەپ تۇتقۇن قىلىپ خىتايلارنىڭ تۈرمىلىرى توشۇپ كەتكەچكە ئۈرۈمچى شەھەر سىرتىدىكى كونا بىنالارنىڭ ئەتراپىنى تۆمۈر رىشاتكىلار بىلەن ئۇراپ تۈرمىگە ئايلاندۇرغان.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى