ئۇيغۇرلار
ئىستانبۇلدىكى
خىتاي
كونسۇلىخانىسى
ئالدىدا
نامايىش
قىلدى
2008-06-30
2008 -
29 -
ئىيۇن
يەكشەنبە
كۈنى
ئىستانبۇلدا
ياشاۋاتقان
ئۇيغۇرلار
ئولىمپىك
مۇسابىقىنىڭ
خىتايدا
ئۆتكۈزۈلىشىگە
قارشى،
شۇنداقلا
خىتاي
دائىرلىرى
تەرىپىدىن
ئاقسۇنىڭ
كەلپىن
ناھىيىسى
يورچى
يېزىسدا
بىر
مەسجىدنىڭ
ئۆرىۋېتىلىگەنلىكىگە
غەزەپ
نەپرىتى
ۋە
نارازلىقىنى
ئىپادىلەپ
خىتاينىڭ
ئىستانبۇلدا
تۇرۇشلۇق
كونسۇلخانىسى
ئالدىدا
نامايىش
پائالىيتى
ئېلىپ
باردى.
نامايىشنى
تۈركىيىدە
پائالىيەت
قىلىۋاتقان
شەرقىي
تۈركىستان
مائارىپ
ۋە
ھەمكارلىق
جەمئىيىتى
بىلەن
ئاممىۋى
تەشكىلاتلار
بىرلىكتە
ئۇيۇشتۇردى.
نامايىشقا
ئەنقەرە،
ئىستانبۇل،
قەيسىرى
شەھىرىدىن
كەلگەن
400 دىن
ئارتۇق
كىشى
ئىشتىراك
قىلدى،
نامايىشقا
ئۆسمۇر
بالىلار
ۋە
ئاياللارمۇ
قاتناشقان
ئىدى.
نامايىشچىلار
قوللىرىدا
ئاي
يۇلتۇزلۇق
كۆك
بايراق
ۋە
شۇئارلار
يېزىلغان
ۋىۋىسكا
-
تاختىلارنى
كۆتۈرگەن
ھالدا
شەرقىي
تۈركىستان
مائارىپ
ۋە
ھەمكارلىق
جەمئىيتى
زەيتىنبۇرنۇ
شۆبىسى
ئالدىغا
توپلۇنۇپ،
شۇئار
تۈۋلاپ
ئاپتۇۋۇز
ۋە كىچىك
ماشىنىلار
بىلەن
خىتاي
كونسۇلخانىسى
ئالدىغىچە
يۇرۇش
قىلدى.
نامايىشچىلار
خىتاي
كونسۇلخانىسى
ئالدىغا
توپلۇنۇپ
«كوممىنىست
خىتايلار
شەرقىي
تۈركىستاندىن
چىقىپ
كەت!»،
«مەزلۇملار
بۇ يەردە
، ئىنسان
ھەقلىرى
قەيەردە!»
«ھەق -
ھوقۇق
ئادالەت،
تۈركىىستانغا
ھۆرىيەت!»،
دەپ
شۇئار
توۋلىدى.
نامايىشقا
كوپلىگەن
تېلىۋىزىيە
مۇخبىرلىرى،
ئاخباراتچىلار،
ژۇرنالىستلارمۇ
كەلگەن
ئىدى
|


نامايىشقا ئۆسمۇر بالىلار ۋە ئاياللارمۇ قاتناشتى |
نامايىش
جەريانىدا
شەرقىي
تۈركىستان
مائارىپ
ۋە
ھەمكارلىق
جەمئىيتىنىڭ
باشلىقى
ئاتاۋۇللاھ
شەھيار
ئەپەندى
موخبىرلارغا
سۆز
قىلىپ
مۇنداق
دېدى:
شەرقىي
تۈركىستان
خەلقى 50
نەچچە
يىلدىن
بىرى
خىتاي
كوممىنىستلىرى
تەرىپىدىن
زۇلۇم
چېكىۋاتىدۇ.
بىر
قانچە
كۈن
ئىلگىرى،
خىتاي
ئىشغالچىلىرى
بېيجىڭ
ئولىمپىك
مۇسابىقىسىنى
بانا
قىلىپ،
شەرقىي
تۈركىستاننى
پۈتۈنلەي
مۇھاسىرىگە
ئالدى.
كىچە -
كۈندۈز
تۇتقۇن
قىلىش
ھەركىتى
ئېلىپ
بېرىپ،
نۇرغۇنلىغان
بىگۇناھ
خەلقنى
قاماققا
ئالدى.
بىر
شەھەردىن
باشقا
بىر
شەھەرگە،
بىر
مەھەلىدىن
باشقا
بىر
مەھەلىگە
بېرىشنى
چەكلىدى.
خەلقنىڭ
كوچىلارغا
چىقىشىنىمۇ
چەكلىدى.
خىتايلار
ئولىمىپىك
مەشئىلىنى
شەرقىي
تۈركىستاندىن
بىخەتەر
ئۆتكۈزۈشى
ئۈچۈن
شەرقىي
تۈركىستان
خەلقىنى
خالىغىنىچە
باستۇرۇپ
زۇلۇم
قىلماقتا،
مەشئەلنى
ئۆتكۈزۈدىغان
قەشقەر
ۋە
ئۇرۇمچى
شەھەرلىرىدە
خەلقنى
ئىشىك
دېرىزىلىرىنى
تاقاپ
ئۆيلىرىدە
ئولتۇرۇشقا
بۇيرۇق
قىلغان،
دېرىزىلىرىدىن
قاراشنىمۇ
چەكلىگەن.
خىتايلار
يەنە
ئولىمىپىك
مۇسابىقىسىنى
ئېلان
قىلىش
ئۈچۈن
مەسجىدلەرنىمۇ
قوللانماقتا.
ئاقسۇ
شەھىرى،
كەلپىن
ناھيە
يۇرچى
يېزا
قۇمئېرىق
مەھەلىسىدىكى
بىر
مەسجىدنىڭ
جامائىتى،
ئولىمپىك
مۇسابىقىسىنىڭ
ئېلان
تاختىسىنى
مەسجىدنىڭ
قىبلە
تەرىپىگە
چاپلاشنى
رەت
قىلغانلىقى
ئۈچۈن
خىتاي
ساقچىلىرى
مەسچىدنىڭ
ئىمامىنى
قۇلغا
ئېلىغان.
مەسجىدنىڭ
جامائىتى
تارقىتىۋېتىلگەن.
خىتايلار
تېخىمۇ
ھەددىدىن
ئېشىپ،
يەر
ئاغدۇرۇش
ماشىنىسى
بىلەن
مەسجىدنى
ئۆرىۋەتكەن.
بۇ
ۋەقەدىن
كېيىن
خىتايلار
600 دىن
ئارتۇق
شەخىسنى
تۇتقۇن
قىلغان.
خىتايلار
پەقەت 65
كىشىنى
قولغا
ئالغانلىقىنى
ئېتىراپ
قىلىپ
ئولاردىن
20
كىشىنىڭ
ئۆلۈمگە
ھۆكۈم
قىلىنىش
ئېتىمالى
بارلىقىنى
45
كىشىنىڭ
مۇددەتسىز
جازاغا
ھۆكۈم
قىلىنىدىغانلىقىنى
ئېلان
قىلغان.
بىز
شەرقىي
تۈركىستان
خەلقى،
دۇنيادىكى
پۈتكۈل
دۆلەتلەر
، ئىنسان
ھەقلىرى
تەشكىلاتلىرى،
خەلقئارالىق
ئاممىۋى
تەشكىلاتلارنىڭ
شەرقىي
تۈركىستانغا
كۆڭۈل
بۆلىشىنى،
شەرقىي
تۈركىستاندا
يۈز
بېرىۋاتقان
ئىنسان
قېپىلىدىن
چىققان
جىنايەتلەرنى
سادىر
قىلىۋاتقان
خىتاي
ھاكىمىيىتىگە
بېسىم
ئىشىلتىشىنى
تەلەپ
قىلىمىز.


نامايىش
جەريانىدا
بىر
خىتاي
كونسۇلخانا
بىناسىنىڭ
دېرىزىدىن
بېشىنى
چىقىرىپ
رەسىمغا
تارتىۋاتقاندا
نامايىشىچىلار
ئۇ
خىتايغا
قارىتىپ
خىتاي
كونسۇلخانىسىغا
تۇخۇم
ئاتتى.
بۇ
ئارىدا
تۈركىيە
ئامانلىق
ساقلاش
خادىملىرى
كىلىپ
نامايىشىچىلارنىڭ
قوللىرىدىن
بەش
كارتۇن
تۇخۇمنى
تارتىۋالدى،
نامايىشچىلار
يەنە
خىتاينىڭ
بايرىقىغا
دەسسەپ
ئوت
ياققاندا
ساقچىلار
كېلىپ
ئۆچۈرىۋالدى.


|


ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻜﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍ ﮔﯜﻟﭽﻪﻣﺒﯩﺮﻩﻙ ﻗﻮﻳﯘﻟﺪﻯ. ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﺪﻩ ﻗﺎﺭﺍ ﮔﯜﻟﭽﻪﻣﺒﯩﺮﻩﻙ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﻳﯩﺒﻼﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﻮﻳﯩﻠﯩﺪﯗ.

نامايىش جەريانىدا بىر خىتاي كونسۇلخانا بىناسىنىڭ دېرىزىدىن رەسىمغا تارتىۋاتقاندا نامايىشىچىلار ئۇ خىتايغا قارىتىپ خىتاي كونسۇلخانىسىغا تۇخۇم ئاتتى.
|