16-01-2009
تۈركىيە جۇمھۇرىيتىنىڭ ئىجتىمائى تەشكىلاتلارغا ئالاقىدار قانۇنىدا، ئىجتىمائى تەشكىلاتلارنىڭ ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئومۇمىيۈزلۈك سايلاپ ئېلىپ بەلگىلەنگەن، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا جەمئىيەتنىڭ يېڭى رەھبەرلىك ھەيئىتى سايلاپ چىقىلدى.
سۈرەتتە: شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ يېڭى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ سۆز قىلىۋاتقان كۈرۈنىشى
2009 - يىلى 1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى يېڭى رەھبەرلىك ھەيئەت ئەزالىرىنى سايلاپ چىقتى. سايلام باشلىنىشتىن ئىلگىرى جەمئىيەتنىڭ سېكرىتار ياردەمچىسى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ 2007 ۋە 2008 - يىللىق خىزمەت دوكىلاتىنى ئوقۇپ ئۆتتى.
سايلامغا جەمئىيەتنىڭ سابىق مەسئۇللىرى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ئابدۇرېشىت ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلىپ سايلام پائالىيتىنى تەرتىپكە سالدى. سايلامغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار ۋە جەمئىيەتنىڭ 70 تىن ئارتۇق ئەزالىرى ئىشتىراك قىلىپ، ئاۋاز بەردى.
سايلامدا نازارەت ھەيئىتى، جەمئىيەتنىڭ يېڭى رەئىسى، ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرى ۋە كاتىپلىرى يېڭىدى سايلاپ چىقىلدى. سايلام خىزمىتى ناھايىتى جىددى كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلدى. سايلام ئۇسۇلغا ئۇيغۇن شەكىلدە ئېلىپ بېرىلدى
نازارەت ھەيئىتى رەھبەرلىككە ھۆرمەتلىك ئابلىكىمخان مەخسۇم، سىيت تۈمتۈرك، ئاتاۋۇللاھ شەھيار قاتارلىق شەخسلەر سايلاندى. جەمئىيەتنىڭ رەھبەرلىك ھەيئىتىگە، ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، دوكتۇر ئالىمجان، ئابدۇلكەرىم كۇچار ، ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان قاتارلىق 10 كىشى سايلاندى، نازارەت ھەيئىتى كومتېتىنىڭ باش نازىرلىقىغا ئابلىكىمخان مەخسۇم، جەمئىيەتنىڭ يېڭى رەئىسلىكىگە ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان كۆپ سانلىق ئاۋازغا ئېرىشىپ سايلاندى. ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئىلگىرى جەمئىيەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتۈپ كەلگەن ئىدى. سايلامدا يەنە جەمئىيەتنىڭ باش كاتىپى ۋە كاتىپ ياردەمچىسى سايلىنىپ چىقتى. باش كاتىپلىققا دوكتۇر ئالىمجان كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن سايلاندى.
سايلام ئاخىرىدا جەمئىيەتنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە سايلانغان ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان كەلگۈسىدىكى ئېلىپ بارماقچى بولغان خىزمەت پىلانى ھەققىدە سۆز قىلدى.
سايلام ناھايىتى خۇشال كەيپىيات ئىچىدە ئاخىرلاشتى.
ئارسلان
www.maarip.org