تۈركلەر ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىنىڭ مىللى ۋە دىنى قان قېرىندىشى دەپ قارايدۇ، تۈركىيە خەلقى ئۇيغۇرلارنى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيتىنىڭ زۇلىمى ئاسىتىدا قالغان خەلق دەپ تونۇيدۇ، ئۇلار ئۇيغۇرلارغا ھىسداشلىق قىلىدۇ، تۈركىيەدىكى بەزى سىياسى پارتىيىلەرمۇ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيە كۈنتەرىپىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىدۇ.
يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى باش كاتىپى دوكتۇر ئالىمجان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ھازىرقى ۋەزىيەتتىكى قىيىنچىلىقلىرى ھەققدە تەپسىلى مەلۇمات بەردى،
2008 - يىلى 10 - نۇيابىر دۇشەنبە كۈنى ئىستانبۇل شەھرىنىڭ ئەسەنلەر رايۇنىدىكى گۈرسەن توي زالىدا سائادەت پارتيىسى ياشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئىستانبۇل شەھرىگە قاراشلىق ھەر قايسى ناھىيە رايۇنلاردىكى سائادەت پارتيىسىنىڭ شۆبە مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرى قاتناشتى . بۇ يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىمۇ تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، بۇ جەمئىيەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، باش كاتىپ دوكتۇر ئالىمجان ئاتاۋۇللاھ ئىشتىراك قىلدى. بۇ يىغىنغا ئىستانبۇلنىڭ ھەر قايسى رايۇنلىرىدىن جەمئىي 400 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
ئىستانبۇل شەھرىنىڭ ئەسەنلەر رايۇنىدىكى گۈرسەن توي زالىدا سائادەت پارتيىسى ياشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىندا سائادەت پارتيىسى ئىستانبۇل ياشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ھۆسەيىن تەرزى ئەپەندى شەرقىي تۈركىستاندا تۈگمىگەن زۇلۇم دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. سائادەپ پارتىيسى ئەسەنلەر شۆبە باشلىقى ساباھدىدىن يىگىت ئەپەندى يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە مەلۇمات بەردى. سائادەت پارتيىسى تەرىپىدىن ئەسەنلەر شەھەر باشلىقلىقىغا نامزات كۆرسىتىلگەن ئىبراھىم بىتمەس ئەپەندىمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ قاچان ، قانداق ئۇسۇلدا ھەل بولىدىغانلىقى توغرىسىدا توختالدى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى باش كاتىپى دوكتۇر ئالىمجان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن ھازىرقى ۋەزىيەتتىكى قىيىنچىلىقلىرى ھەققدە تەپسىلى مەلۇمات بەردى، دوكتۇر ئالىمجان ئەپەندى ، ئۇيغۇرلارنىڭ، دىن، تىل ۋە مەدەنىيەتلىرىنىڭ خەۋىپ ئىچىدە قالغانلىقىنى، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسىملاتسىيە قىلىپ يوق ئەتمەك ئۈچۈن، مەكتەپلەردە ئۇيغۇرچە دەرس ئۆتۈشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، خىتايچە دەرس ئۆتىۋاتىقانلىقىنى، دىنى دەرس ئۈگەتكەن ۋە ئۈگەنگەن شەخسلەرنى تۇتۇپ قاماپ قويىۋاتقانلىقىنى، 18 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ مەسجىدكە كىرىپ ناماز ئوقۇشنى چەكلەنگەنلىكىنى، رامىزان ئېيىدا ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزىسىنى بوزۈش ئۈچۈن مەكتەپتە ھەر كۈنى چۈشلۈك تاماق ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى، 16 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر قىزلارنى ئىشقا ئورونلاشتۇرۇ باھانىسى بىلەن خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىرىگە يۆتكەپ ئۇلارنى رېستۇرانت، تاڭسىخانا، پاھىشەخانىلارغا ئوخشاش ئەخلاقسىز ئورۇنلاردا مەجبۇرى ئىشىلتىۋاتقانلىقىنى. بۇ قىزلارنىڭ بەزلىرى ۋىجدان ئازابىغا چىدىماي ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغانلىقىنى، پىلانلىق توغۇتنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى 3 تىن ئارتۇق پەرزەنت كۆرۈشكە يول قويماسلىقتەك سىياسەتلىرىنى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسىملاتسىيە قىلىش، يوق ئېتىش ئۈچۈن پىلانلىق ھالدا قوللانغان سىياسەتلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى. يىغىندا سائادەت پارتىيىسى تەرىپىدىن ئەسەنلەر رايۇنلۇق شەھەر باشلىقلىقىغا نامزات كۆرسىتىلگەن ئىبراھىم بىتمەس ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ قاچان ، قانداق ئۇسۇلدا ھەل بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: "شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم بولىۋاتقانلىقىنى بىر قانچە يىللاردىن بىرى بىلىپ كېلىۋاتىمىز، شەرقىي تۈركىستان مەسىلسى پەلەستىن مەسىلىسىگە ئوخشاشتۇر. پەلەستىنلىكلەرگە قانداق ياردەم قىلغان بولساق شەرقىي تۈركىستانلىقلارغىمۇ ئوخشاشلا ياردەم قىلىمىز. ئۇ يەردە ئۇزۇن زاماندىن بىرى زۇلۇم بولىۋاتقانلىقىنى بىلىپ كېلىۋاتىمىز. بىز دۇنيانىڭ قەيىرىدە زولۇم بولسا ئۇ يەرگە بىز بارىمىز. زولۇمنى يوق ئېتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز، بۇ بىزنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرىمىزنىڭ بىرى. ئاللاھ نىسىپ قىلسا خىزمەت پائالىيەتلىرىمىزنى بۇ شەكىلدە داۋاملاشتۇرساق پات ئارىدا شەرقىي تۈركىستاندىمۇ زۇلۇم ۋە ئىشكەنجىلەرگە خاتىمە بېرىلىدىغان كۈنلەر كېلىدۇ. ئۇ يەردىكى زۇلۇمغا سائادەت پارتيىسى ھۆكۈمەت قۇرغاندا خاتىمە بېرىلىدۇ. زۇلۇمغا خاتىمە بېرىلىشنىڭ بىرلا ئۇسۇلى بار، ئۇ بولسىمۇ D 8 تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر بىرلىكىنى كۈچەيتىش".
سائادەت پارتىيىسى ئىستانبۇل ياشلار ئۇيۇشمىسى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بىلەن بىرلىكتە 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسولخانىسى ئالدىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يېغىنى ئېچىپ خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى تەنقىد قىلغان ھەمدە خوتەندە يۈز بەرگەن نامايىشقا قاتنىشىپ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىگە قامالغان 600 نەپەر ئۇيغۇر ئايالنى شەرتسىز ھالدا قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. يىغىن ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ باش كاتىپى دوكتۇر ئالىمجان ئەپەندى بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان سائادەپ پارتىيىسى ياشلار ئويۇشمىسىنىڭ رەئىسى ھۆسەيىن تەرزى ئەپەندىگە ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيتىگە ۋاكالەتەن تەشەككۈر ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئارسلان
www.maarip.org