ئامېرىكا رەئىس سايلىمىمىغا بىر قانچە كۈن قالدى. پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆز - قۇلاقلىرى 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىكى 100 مىلىيۇن كىشىنىڭ قارارىغا مەركەزلەشتى. راي سىناش سىتاتىسكىسىدا باراك ئۇباما يۈزدە 62% پرسەنت بىلەن رەقىبى جۈمھۇرىيەتچى پارتىيىسىنىڭ نامزاتى مېككىن دىن 31% پرسەنت يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئىككى يېرىم مىلىيۇنغا يېقىن مۇسۇلمانلار قارا تەنلىك نامزات ئۇباماغا يېقىن تۇرىشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. ئامېرىكىنىڭ كۆچمەن مۇسۇلمانلار ياشايدىغان رايۇندىكى تاكسى شوپۇرلىرىدىن كىمگە بېلەت تاشلايسىز دەپ سورالغاندا، ئەلۋەتتە ئۇباما قېرىندىشىمىزغا دەپ جاۋاپ بەرگەن.
ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئىككى يېرىم مىلىيۇن مۇسۇلمانلار 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن قۇرقۇنىچ ۋە ئەندىشە ئىچىدە قالدى. ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمان بولمىغان شەخسلەر مۇسۇلمانلارغا گۇمان بىلەن قاراشقا باشلىدى. ئامېرىكىنىڭ 4 - نۇيابىر ئېلىپ بېرىلىدىغان رەئىس سايلىمدىن ئىلگىرى مۇسۇلمانلار رەئىسلىككە نامزات كۆرسىتىلگەن ئۇباما ۋە مېككىننىڭ مۇسۇلمانلارغا كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۇرمەكتە. ئامېرىكىدا ئۇباما مۇسۇلمان ئىكەن دېگەن كەڭ تارقالغان بولسىمۇ باراك ئۇباما ئۆزىنى ئاقلاپ مەن مۇسۇلمان ئەمەس دېگەن ، شۇنداقتىمۇ كۆزەتكۈچىلەر ئۇنىڭغا شۈبھە بىلەن قارىماقتا. چۈنكى ئۇبامانىڭ ئانسى خىرىستىيان دادىسى مۇسۇلمان ئىكەن شۇنداقلا ئوبامانىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئىسىمى ھۈسەيىن ئىكەن. ئامېرىكا دېموكراتىك پارتىيىنىڭ بىر قېتىملىق يىغىنىدا بېشىغا ياغلىق ئارتقان ئىككى قىز ئۇباما بىلەن خاتىرە رەسىمغا چۈشۈشنى تەلەپ قىلغاندا ئۇباما رەت قىلغان. ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىغا ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرىنى قاتتىق ئاچچىقلانغان. جۇمھۇرىيەت پارتىيسىنىڭ نامزاتى مېككىن ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرىغا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن بولسا دېموكراتچىلار پارتىيىسىنىڭ نامزاتى باراك ئۇباما ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بولسا كىرەك مۇسۇلمانلاردىن يىراق تۇرماقتا. شۇنداقتىمۇ كۆپ ساندا ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرى ئۇباماغا بىلەت تاشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
www.maarip.org