شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئيىتى مەسئۇللىرى تۈركىيە دۆلەت مەجلىسىنى زىيارەت قىلدى
23-10-2008
2008 - يىلى 16 - 17 - ئۆكتەبىر كۈنلىرى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باش كاتىپى دوكتۇر ئالىمجان ئاتاۋۇللا قاتارلىق مەسئۇللار خىزمەت مۇناسىۋېتى بىلەن تۈركىيەنىڭ پايىتەختى ئەنقەرەنى زىيارەت قىلدى. زىيارەت جەرىيانىدا تۈركىيە مىللەت ۋەكىللىرى، پارلامېنىت ئەزالىرى، پارتىيە رەئىسلىرى، ئىدارە - ئورگان باشلىقلىرى بىلەن ئۇچرۇشۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بەردى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى مەسىلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئيتى تەرىپىدىن ھازىرلانغان 2008 - يىللىق شەرقىي تۈركىستان دوكىلاتىنى سوندى.
سائادەت پارتىيسىنىڭ رەئىسى رىجائىي قۇتان بىلەن ئۇچرۈشۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بەردى
ئىگەللىشىمىزچە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئيتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، باش كاتىپ دوكتۇر ئالىمجان ئاتاۋۇللاھ تۈركىيە دۆلەت مەجلىس زالىدا ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر قانچە تۈركىيە پارلامېنىت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرۇشۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بەردى ۋە تۈركىيە - خىتاي بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستاننى كۆز ئالدىغا قويۇپ تۇرۇپ مۇناسىۋەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى. كېيىن ئۇلار سائادەت پارتىيىسىنى زىيارەت قىلىپ، سائادەت پارتىيسىنىڭ رەئىسى رىجائىي قۇتان بىلەن ئۇچرۈشۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بەردى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تۈرك ئۇجاقلىرى ۋەقپىنىڭ باش كاتىپى پروفېسسور ، دوكتۇر ئورخان بىلەن ئۇچرۇشۇپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىرى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى. ھەمدە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئيتى تەرىپىدىن ھازىرلانغان 2008 - يىللىق شەرقىي تۈركىستان دوكىلاتىنى سوندى.
تۈرك ئۇجاقلىرى ۋەقپىنىڭ باش كاتىپى پروفېسسور ، دوكتۇر ئورخان بىلەن ئۇچرۇشۇپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىرى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.
بىز بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئيتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغوزخان ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئارسلان
www.maarip.org