خىتاي ساقچىلىرى كۇچاردا ئەرلەرنى ساقال قويۇشتىن، ئاياللارنى ئۇزۇن كېيىم كېيىشتىن چەكلىگەن
ئىگەللىگەن يېڭى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا كوچار ساقچى ئىدارىسىغا ھۇجۇم قىلغانلارنى تېپىش ئۈچۈن ساقچىلار خەلق ئاممىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، كۇچار خەلقى ساقچىلارغا ماسلاشمىغان. خىتاي غالچىلىرى كوچار خەلقىنى ھەر كۈنى دىگۈدەك توپلاپ ، مەجبۇرى يىغىن ئېچىپ، ئىددىيە خىزمەت ئىشلەش باھانىسى بىلەن خىتاينىڭ زوراۋانلىقلىرىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن ئۇيغۇر ياشلارنى بۆلگۈنچى، ئەكسىيەتچى ، تېررورچى دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئەيپلەپ، خەلقنىڭ ھىمايىسىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنى يامان كۆرستىپ جىنايەتچى دەپ داۋا قىلماقتا، يىغىنلاردا خەلق ئاممىسىنى ئۇ خىلدىكى شەخسلەرنى پاش قىلىشتا ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا، ئۇلارنى ھىمايە قىلغانلارنىڭ ئاقىۋېتىنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقى بىلەن تەھتىد قىلماقتا. خىتاي دائىرلىرى كۇچار خەلقىگە قارىتا بېسىمنى تېخىمۇ كۆچەيتكەن . خىتاي ساقچىلىرى ھازىر كۇچاردا ئەرلەرنى ساقال قويۇشتىن، ئاياللارنى ئۇزۇن كېيىم كېيىشتىن چەكلىگەن. تەييارلىغۇچى ئارسلان
تەييارلىغۇچى ئارسلان
www.maarip.org