خىتايغا قارشى تۈركىيىدە ئېلىپ بېرىلغان نامايىشتا بىر ئۇيغۇر ياش ئۆزىگە ئوت ياقتى
08-08-2008
2008 - يىلى 8 - ئاۋغىست جۈمە كۈنى تۈركىيىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلار خىتاي ئولىمپىككە قارشى نامايىش پائالىيتى ئېلىپ باردى. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئيىتىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش پائالىيتى ئېلىپ بېرىلدى. نامايىشقا تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل، قەيسەرى ۋە ئەنقەرە قاتارلىق شەھەرلىرىدىن كەلگەن شەرقىي تۈركىستانلىق 300 دىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلدى. نامايىشىچىلار «شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك»، «خىتايلار شەرقىي تۈركسىتاندىن چىقىپ كەتسۇن» دېگەندەك شۇئارلارنى توۋلىدى.
كېيىن دۇق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى مەتبۇئات باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتتى. باياناتتا ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ دوستلۇقنىڭ، تىنچلىقنىڭ سېمۋولى ئىكەنلىكى، ئەمما خىتاينىڭ بولسا بۇنى زۇلۇم قىلىشقا باھانە قىلىۋالغانلىقى تەكىتلەنگەن. مەتبۇئات باياناتى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، نامايىشچىلار خىتاينىڭ بايرىقىنى كۆيدۈردى. نامايىش جەرىيانىدا ئىستانبۇلدىن كېلىپ نامايىشقا قاتناشقان نامايىش جەرىيانىدا مەمەتتۇرسۇن ئۇيغۇر ئسىملىك ئۇيغۇر ياش خىتايغا بولغان غەزەپ - نەپرىتىنى ئىپادىلەپ ئۆزىگە ئوت ياقتى. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئوت پۈتۈن بەدىنىگە ئۇلاشتى، ئەتراپتىكىلەر ئوتنى ئۆچۈرۋالغان بولسىمۇ ئۇنىڭ بەدەنلىرى كۆيۈپ ئېغىر يارىلانغان، ساقچىلار ھەرىكەتكە ئۆتۈپ مەمەت تۇرسۇن ئەپەندىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن دەرھال دوختورخانىغا يۆتكىگەن. ئۇ ھازىر ئەنقەرەنىڭ نۇمۇنە دوختورخانىسىدا داۋالانماقتا.
1
2
3
مەمەتتۇرسۇن ئۇيغۇر ئسىملىك ئۇيغۇر ياش خىتايغا بولغان غەزەپ - نەپرىتىنى ئىپادىلەپ ئۆزىگە ئوت ياقتى
مەھمەت تۇرسۇن ئەپەندى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى ئىستانبۇلدا ئولىمپىك مەشئىلىنى ئېلىپ قېچىشقا ئورۇنۇپ ساقچىلار تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچراپ مۇۋاپىقىيەتلىك بولالمىغان ئىكەن.
بۇ نامايىش پائالىيتى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا توغرا كەلدى.
ئارسلان
www.maarip.org