جەمئىيتىمىزدە ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە كۈلتېرى ھەققىدە يىغىن ئۆتكۈزۈلدى
2010-02-03
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن جەمئىيەت مەركىزىدە ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە كۈلتېرى ھەققىدە يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلدى. يىغىنغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئالى مەكتەپ سەۋىيەسىدىكى ئۇيغۇر ياشلاردىن 30 تىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. يىغىندا مارمارا ئۇنىۋېرىستى قانۇن فاكولتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفسسور دوكتۇر مۇستافا شەنتوپ ئەپەندى سۆز قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشى، غەرب ئەللىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ كېتىشنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالدى. يىغىندا يەنە ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ كەچمىشتىكى رولى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى. يىغىن 2 سائەت داۋام قىلغان بولۇپ، ئاخىرىدا يىغىن پروفسسور دوكتۇر مۇستافا شەنتوپ ئەپەندى ئىشتىراكچىلىرىنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
سۈرەت: 2010 - يىلى 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى جەمئىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا پروفېسسور دوكتۇر مۇستافا شەنتوپ ئەپەندى سۆز قىلىۋاتقان كۆرۈنۇش.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى
www.maarip.org