خىتاي - ئوتتۇرا ئاسىيا مۇناسىۋەتلىرىدە تەبىئى گاز ئامىلى ۋە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان رايونلۇق ئاقىۋەتلەر نامىلىق ماقالە ئېلان قىلىندى
02-02-2010
يېقىندا تۈركىيىنىڭ خەلقئارالىق ئىستىراتىگېىيە تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ رەسمى تور بېتىدە خىتاي - ئوتتۇرا ئاسىيا مۇناسىۋەتلىرىدە تەبىئى گاز ئامىلى ۋە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان رايونلۇق ئاقىۋەتلەر نامىلىق ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالىنى كاۋكازىيە ئۇنىۋېرىسىتى ئىقتىساد بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر مەھمەت دىككايا ئەپەندى يازغان.
ماقالىدا خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي، ئېنىرگىيە ۋە سىياسىي مەسىلىلەر ھەققىدە توختالغان.
ماقالە مۇنداق باشلانغان، ئەجدارھا خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسيا بازىرىغا بولغان قىزىقىشى ئۆتكەن ئاي يۈز بەرگەن يېڭى بىر ئىلگىرلەش بىلەن تېخىمۇ كۈچەيدى. 1800 كىلومتېردىن ئۇزۇن تەبىئىي گاز تۇرۇببا لىنىيىسىنىڭ خىتاي بازىرىغا يېتىشى بىلەن بىرگە بۇ دۆلەت ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئارتىسلاردىن بىر بولغانلىقىنى كۆرسەتتى. خىتاينىڭ ئۇزۇن زاماندىن بىرى بۇ رايونغا قىزىقىشىنىڭ بىر قانچە تۈرلۈك سەۋەبلىرى بار. بۇ سەۋەبلەرنىڭ بېشغا بىخەتەرلىك، تىجارەت ۋە ئېنىرگىيە ساھەلىرى كېلىدۇ. بىخەتەرلىك مىخانىزىمىنىڭ ئاساسىي قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندا مەۋجۇت بولغان سۈرگۈندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ تەسىرى. يېقىندا ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرمۇ، بېيجىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركسىتان رايونىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ساقلاپ قېلىش، ۋاز كېچىشكە بولمايدىغان دۆلەتلىك سىياسەت دەپ قارىماقتا. قىرغىز ۋە قازاق تۇپراقلىرىدا ياشايدىغان يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر تۈركلىرى ئۈچۈن ئانا ۋەتەن بولغان )شەرقىي تۈركىستان( ئۇيغۇر رايونىنى يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بىرى خىتاينىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدا قالغانلىقىنى قوبۇل قىلىش ئىمكانىيىتى يوق.
ماقالىدا يەنە خىتاينىڭ ئېنىرگىيە ۋە تەبىئى گازغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن كېلىشىم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېيىلگەن: بىخەتەرلىك جەھەتتە ئىلگىرلەش بولىۋاتقان مۇناسىۋەتلەرنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئوخشاش بىر ئورتاق مەيداندا بىخەتەرلىكنى ئاساس قىلغان ھالدا خىتايغا نىسبەتەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەڭ مۇھىم دۆلىتى بولغان قازاقىستان ۋە كۆپ مىقداردا تەبىئىي گاز مەنبەلىرى بىلەن دىققەت تارتقان تۈركمەنىستان بىلەن يېقىن ۋە كۈچلۈك مۇناسىۋەت قۇرۇشقا باشلىغانلىقى كۆرۈلدى. رايون بىلەن كەڭ تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەردە ئەڭ مۇھىم نوقتا بولسا خىتاينىڭ بىخەتەرلىك ۋە داۋاملىق ئېشىۋاتقان ئېنىرگىيىگە بولغان ئېھتىياج تەلىپى بولدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دەسلەپتە قازاقىستان بىلەن نېفىت تۇرۇببا لىنىيىسى قۇرۇشنى باشلىغان ئەجدەرھا، كېيىن 2009 - يىلى 12 - ئايدا تەبىئىي گازغا بولغان ئېھتىياجىنى كۆپ مىقدارنى تەمىنلىيەلەيدىغان كۈچكە ئىگە تۈركمەنىستان بىلەن تۈركمەنىستان - خىتاي تۇرۇببا لىنىيىسىنى قۇرۇشقا كېلىشىم قىلدى. ئۇزۇنلۇقى 1800 كىلومېتىردىن ئۇزۇن بولغان 40 مىليارد كۇپ مېتىر سىغىمچانلىقىغا ئىگە بۇ تەبىئى گاز تۇرۇببا لېنىيىسىنى قۇرۇش ھەققىدىكى كېلىشىم 2006 - يىلى 4 - ئايدا ئىمزا قىلىندى. قىسقا بىر ۋاقىت ئىچىدە بىر قىسىمى پۈتكەن بۇ تۇرۇببا لىنىيىسى بېيجىڭنىڭ ئېنىرگىيىگە بولغان ئېھتىياجى ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك. تۈركىيە ۋە ياۋرۇپانىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن كاۋكازىيە گازىنى ياۋرۇپاغا يۆتكەش توغرىسىدا، ناباككو غا ئوخشاش بىر ئىش پىلان ھەققىدە بەس - مۇنازىرە قىلىنۋاتقان بىر پەيتتە بۇ ئىش پىلانغا ئالاقىدار خىزمەتلەر داۋام قىلىۋاتسا، خىتاينىڭ چوڭ بىر قەدەم بېسىپ تۈركمەن گازىنى دۆلىتىگە توشۇشى تېخىمۇ ھەيران قالارلىق ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولدۇ. بۇ ھەقتە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسيادىكى ئاكتىپ سىياسىي پائالىيەتلىرى بىلەن كۈچەيگەن تەسىرىنىڭ كېلەركى مەزگىلدە تېخىمۇ كۆپ بەس - مۇنازىرە باشلىنىدۇ.
ماقالىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: بۇ جەرىياندا 2012 - يىلى پۈتۈپ ئىش باشلىغاندا ئاشقئابادنىڭ ھاللىق سەۋىيىگە كۆتۈرۈلۈشىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇ تۇرۇببا لىنىيىسىدە تۈركمەن تەبىئىي گاز زاپىسىنىڭ ئىشىلتىلىشى بىلەن تەڭ خىتاي شېرىكەتلىرىنىڭ چوڭ تەسىرلىك كۈچكە ئىگە بولۇشقا باشلايدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا، بۇ تۇرۇببا لىنىيىسى پۈتكەندە قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭمۇ ئوخشاش تۇرۇببا لېنىيىسى ئارقىلىق خىتاي بازارلىرىغا تەبىئىي گاز يۆتكەيدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. تۈركمەنىستاننىڭ شەرقىدىن، ئۆزبېكىستان ئارقىلىق قازاقىستان زېمىنلىرىدىن ئۆتۈپ ئۇيغۇر رايونىغا تۇتىشىدىغان بو تەبىئى گاز تۇرۇببا يولىنىڭ رايونلۇق ئىستىراتېگىيىلىك ئورنى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك. شاڭخەي ۋە ھاڭكوڭغا ئوخشاش رايونلارغا تەبىئى گاز يۆتكەشتە قوللىنىدىغانلىقىغا دىققەت قىلغاندا، بۇ تۇرۇببا لىنىيىسىنىڭ رايونلۇق ئىستىراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى تېخىمۇ مۇھىم.
ماقالىدا يەنە رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرى كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېيىلگەن: دەسلەپتە، تۈركمەن گازى ئەتراپتا ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ئۆزگۈرۈشلەر، ئۇزۇن زاماندىن بىرى بۇ دۆلەتنىڭ تەبىئى گاز ئىشلەپ چىقىرىشىنىڭ مۇھىم بىر قىسىمىنى دۇنيا بازىرىغا سېتىۋاتقان رۇسىيىنىڭ ئىستىراتېگىيىلىك مەنپەئەتلىرىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، خىتاينىڭ تۈركمەن گازىنىڭ كۆپ مىقدارىنى سېتىۋېلىش ھەققىدە كىلىشىم قىلىشى ۋە يېقىنقى تېخنىكا ۋە سودا - تىجارەتتە مەيدانغا كەلگەن تالاش - تارتىشلاردا مەسىلە يۈز بەرگەن بولسىمۇ ئىران ۋە خىتاي تۇرۇببا لىنىيىسى پۈتكەندىن كېيىن رۇسىينىڭ تەسىرى كۈچىگە بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق شېرىك بولۇشى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىرانغا سۇزۇلغان تەبى گاز تۇرۇببا يولى پۈتۈش بىلەن تەڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقى قوللاپ قۇۋۋەتلەۋاتقان ناباككو ئىش پىلانىغا تۈركمەنىستاننىڭمۇ تۆھپە قوشىشى ئايدىڭلاشقان بولىدۇ.
ماقالىدا يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ سودا تىجارەتتە رۇسىيىدىن كۆپرەك خىتاي بىلەن تىجارەت قىلىۋاتقانلىقى رۇسىيىنىڭ تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا كۈچىيىۋاتقان تەسىرى، ئۇزۇن زاماندىن بىرى رۇسىيىنىڭ رايوندىكى ئىقتىسادى ۋە سىياسىي تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇش كۈچى بولىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 2008 - يىلى قازاقىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئېكىسپورت سودا تىجارەت مىقدارى 7.7 مىليارد دوللار بولۇپ، رۇسىيە بىلەن بولغان ئېكىسپورت سودا تىجارىتى ،2 .6 مىليارد دوللارلىق سودا تىجارەتنى ئېشىپ كەتكەن. تۈركمەنىستاننىڭ ئوخشاش يىلدا خىتايدىن ئىمپورت قىلغان سودىسى 500 مىليون دوللار، رۇسىيىدىن ئىمپورت قىلغان تاۋار ماللار 564 مىليون دوللار مىقدارىدا بولۇپ، ئازا مىقداردا ئارقىدا قالغانلىقىنى ئويلايدىغان بولساق، خىتاينىڭ رۇسىيەنى رايونلۇق تىجارەت ساھەسىدە تەڭپۇڭلاشتۇرۇغۇچ دۆلەت بولۇشقا قاراپ كېتىۋاتقانلىقى ئېنىق. ھەقىقەتەن خىتاي ماركىلىق تاۋارلار ئوتتۇرا ئاسىيانى كۈندىن كۈنگە تېخىمۇ كۆپ ئىگەللىمەكتە.
ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەبىئي گاز ۋە نېفىت زاپىسىنى تالىشىش ئۈچۈن خىتاي، رۇسىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق ئۈچ چوڭ كۈچ بىر بىرىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا سىياسىي تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىپ كەلمەكتە. بەلكى كېيىنكى باسقۇچتا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز مەنبەلىرىنى تالىشىشپ رىقابەتتىن دۈشمەنلىككە ئۈتىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىگلىرى سۈرمەكتە.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تور بېتى
ئارسلان
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى تەشۋىقات بۆلۈمى
www.maarip.org