شىۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى گۇئانتانامۇ تۈرمىسىدىكى ئىككى ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
2010-02-04
شىۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ گۇئانتانامۇ تۈرمىسىدە بىگۇناھ تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئىككى ئۇيغۇرنى دۆلىتىگە قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شىۋېتسارىيە ئەدلىيە مىنىستىرى ئېۋېلىنە ۋىدمېر بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، ئىنسانىي ئەندىشىلەر سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. مىنىستىر يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئارخىپلىرىنى تەكشۈرۈپ چىققانلىقىنى ۋە دۆلىتىگە تەھدىت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىغا ئىشەنگەنلىكىنى شۇ سەۋەپتىن قوبۇل قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئىگەللىنىشىچە بۇ ئۇيغۇرلار شېۋېتسارىيىنىڭ جۇرا كانتونۇنا دېگەن جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. بۇ يەرگە ئىلگىرى گۇئانتانامۇدىن قويۇپ بېرىلگەن بىر ئۆزبېكىستانلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن. شىۋېتسارىيە ئەدلىيە مىنىستىرى ئېۋېلىنە ۋىدمېر گۇئانتانامۇدىن باشقا كىشىلەرنى قوبۇل قىلىشنى مۇشۇنىڭ بىلەن توختاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
شەرقىي تۈركىستان خەلقى شىۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىگە تەشەككۈر ئېيتىدۇ ۋە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى
www.maarip.org