خىتاي: دالاي لاما تىبەتلەرنىڭ رەسمى ۋەكىلى ئەمەس
2010-02-01
خىتاي دائىرلىرى، سۈرگۈندىكى دىنى پىشىۋا دالاي لامانى تىبەتنىڭ رەسمى ۋەكىلى ئەمەسلىكىنى داۋا قىلدى.
تۈركىيىدە چىىقىدىغان ھۆررىيەت گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيسى مەركىزى كومتېتىنىڭ مۇئاۋىن كاتىبېشى جۇ ۋېچۇن بېيجىڭدا يەرلىك ۋە چەتئەل مۇخبىرلارنىڭ خىتاي دائىرلىرى بىلەن دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاپ بېرىپ، خىتاي ھاكىمىيىتى باشقۇرۇشىدىكى تىبەت ئاپتونۇم رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ پەقەت تىبەتلەرنىڭ ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. خىتاي ئەمەلدارى، سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ 'بۈيۈك تىبەت' ياكى 'ئالى دەرىجىلىك ئاپتونۇمىيە' نى تەلەپ قىلىشنىڭ ئارقىسىدا 'يېرىم ياكى پۈتۈن مۇستەقىللىقنى مەقسەت قىلغانلىقىنى' داۋا قىلدى. خىتاي دائىرلىرى بىلەن دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەردە "ھەر زاماندىكىگە ئوخشاش چوڭقۇر پىكىر ئوخشاشماسلىق مەۋجۇتلۇقىنى " ئىپادىلىگەن جۇ ۋېچۇن، ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ دالاي لاماغا خاتالىرىنى تۈزىتىش ئۈچۈن پۇرسەت بېرىشىنى خالايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى لودى گيارى ۋە كېساڭ گيالتسېن 26 - 31 - يانۋار كۈنلىرى ئارىسىدا، خىتاينىڭ سىياسىي مەسلىھەت قۇرۇلتېيىنىڭ ئەمەلدارى ۋە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى مەركىزى بىروسى ئەمەلدارى دۇ چىڭلىن ۋە تىبەت ئاپتونۇم رايونىنىڭ خەلق مەجلىسى ئەمەلدارى نيىما تسېرىڭ بىلەن ئۇچراشتى. ۋەكىللەر، خىتاي دىكتاتۇرى ماۋزەيدۇڭنىڭ توغۇلغان يۇرتى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شاۋشان كەنتى، شىياڭشى تۇجىيا ۋە مىياۋ ئاپتونۇم ئوبلاستلىرىغىمۇ باردى. ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچرىشىشىدا يەنە ھېچ قانداق ئىلگىرلەش بولمىدى.
خىتاي، ئۇبامانى دالاي لاما بىلەن ئۇچرىشىشىتىن ئاگاھلاندۇردى
خىتاي، ئامېرىكا رەئىسى ئوبامانىڭ تىبەتنىڭ سۈرگۈندىكى دائىيىسى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشىشىگە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. زامان گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى مەركىزى كومتېتىنىڭ ئەمەلدارى جۇ ۋېچۇن ئۇباما بىلەن دالاي لامانىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ مەنتىقسىز ۋە پايدىسىز ئىكەنلىكىنى داۋا قىلىپ، بۇ ئۇچرىشىش خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدىكى سىياسى مۇناسىۋەتلەرنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، دېگەن. جۇ، خىتاينىڭ ئىشغال ئاستىدىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ سالاھىيىتىنى بەلگىلەش توغرىسىدا دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۆتكەن ھەپتە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەر ھەققىدە سۆز قىلىپ، نۆۋەتتىكى ئۇچرىشىشتا بىر ئىلگىرلەش بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا 2001 - يىلى باشلىغان سۆھبەتلەر 2008 - يىلى تىبەتتە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن كېيىن كىسىلىپ قالغان ئىدى. بېيجىڭ دائىرلىرى، نۇبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ئالغان دالاي لامانى 'بۆلگۈنچى' دەپ داۋا قىلىدۇ. 1959 - يىلدىن بىرى سۈرگۈندە ياشاۋاتقان دالاي لاما بولسا 'تىبەت رايونىدا پەقەت ھەقىقى ئاپتونۇمىيە تەلەپ قىلغانلىقىنى' ئىلگىرى سۈردى.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى تەشۋىقات بۆلۈمى
www.maarip.org