كامبۇدژادىن خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلاردىن خەۋەر ئېلىنمىدى
2010-02-01
كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش تەشكىلاتى كامبۇدژادىن خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلاردىن خەۋەر ئالالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى رېچاردسون، كامبۇدژا تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇر سىياسى پاناھلىق تىلىگۈچىلارنىڭ ئىز - دىرەكسىز يوق كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، نەدە ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ھەر قانداق بىر قىلمىشلىرىغا ئالاقىدار قانۇنى بىر جىنايەت بار - يوقلىقى ھەققىدە ھېچ قانداق مەلۇماتقا ئېرىشەلمىدۇق، دېدى ھەمدە ئىشكەنجە ۋە قىيىن قىستاققا ئېلىنماسلىق ھەققىدە كاپالەتكە ئىگە بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رېچاردسون، خىتاينىڭ ئۇ ئۇيغۇرلارنى نەدە ئىكەنلىكىنىڭ ھىسابىنى بېرىشى ۋە ب د ت مەسئۇللىرى بىلەن ئائىلىلىرىنىڭ ئۇلارنى كۆرۈشكە روخسەت قىلىش جاۋاپكارلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ۋە ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغانلار شەخسلەرنىڭ ئۇلار ھەققىدە نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىش ھەققى بار، دېدى.
رېچاردسون، خىتاي دائىرلىرىنىڭ، دۆلىتىگە قايتۇرۇلغان كىشىلەرگە ئىنساندەك مۇئامىلە قىلىشى، ئادىل بىر شەكىلدە سوت ئېچىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، خەلقئارا قانۇن بىلەن قوغدالغان سۆز ۋە ھەرىكەتلەر سەۋەبىدىن زۇلۇمغا ئۇچىرماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۇ ھەقتە ھازىرغىچە ھېچ قانداق بىر چۈشەنچە بەرمىدى.
خىتاي ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا ئۈتكەن يىلى 7 - ئايدا يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كېيىن كامبۇدژاغا قاچقان ئۇيغۇرلاردىن 22 نەپىرى ئۆتكەن دېكابىر ئېيىدا ب د ت ۋە ئامېرىكىنىڭ قارشى چىققان بولسىمۇ خىتايغا قايتۇرۇلغان ئىدى.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى تەشۋىقات بۆلۈمى
www.maarip.org