خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا يەنە 5000 ساقچى جاللات ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2010-02-04
س ئېن ئېن تۈرك تېلىۋېزىيىسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا، 5 - ئىيۇل ئۇرۇمچى ۋەقەسىگە ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ يەنە يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە، 5000 خىتاي ساقچىنى شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئىگەللىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن بىرى تۈنجى قېتىم ئۇچۇق ھالدا بىرلا ۋاقىتتا 5000 خىتاي ساقچىنى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى ھىساپلىنىدىكەن.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى دۆلەت بىخەتەرلىكنى قوغداش بىروسىنىڭ ئەمەلدارى جۇ چىڭجىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 5 مىڭ جاللاتنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن 1 ئايلىق كۇرۇس ئاچقانلىقىنى، بۇ كۇرۇسنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىزمەت باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كۇرۇستا ئۇيغۇرلارنى قانداق شەكىلدە تۇتقۇن قىلىش، قانداق قىيناش ۋە قايسى ئۇسۇل بىلەن ئۆلتۈرۈشتىن ئىبارەت ۋەھشىيلىكىنى ئۈگىتىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. س ئېن ئېن تۈرك تېلىۋېزىيىسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرى مېڭ جېنجۇ مىنىستىرلىك تور بېتىدە بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىدا ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلاش ۋەزىپىسى بىر قىيىن مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئىشارەت قىلىپ، خىتاي ساقچىلىرىنى ھەر زامان جىددىي ھالەتتە تۇرۇشقا بۇيرۇق قىلغان. ) ئوغىرىنىڭ يۈركى گۈپ - گۈپ دېگەن شۇ(. خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرى مېڭ جېنجۇ سۆزىدە يەنە، يەرلىك ساقچى ئىدارلىرىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرى، ' تېرورچىلارنىڭ ئىچكى تاشقى دۈشمەن كۈچلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كېسىپ تاشلاش ۋە تەشكىلىنىش ئاپاراتلىرىنى ۋەيران قىلىشتىن ئىبارەت' ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن. شەرقىي تۈركىستاندا تېررورچى يوق، زۇلۇمغا قارشى تۇرۇدىغان ئۇيغۇر مۇجاھىدلىرى زالىمغا قارشى كۈرەشلىرىنى داۋام قىلىۋاتىدۇ، ئۆز ۋەتىنىنى كوممۇنىست خىتايدىن ئازات قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ، ئائىلىسىنى، ئاچا سىڭىللىرىنى خىتايلارنىڭ زۇلۇمىدىن قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ، ئىنسانىي ھەق - ھوقۇقلىرىغا ئىگە بولۇپ ھەقىقى ئىنساندەك ياشاش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. مۇنداقچە ئېيىتقاندا، تارىختا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. بۇ كۆرەش داۋام قىلىدۇ، توختاپ قالمايدۇ، خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتمىگىچە توختاپ قالمايدۇ. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بىر كۈنى چوقۇم مۇستەقىل دۆلەت قۇرالايدىغانلىقىغا ئىشەنچىسى كامىلدۇر. چۈنكى ئۇيغۇرلار تارىختا، ھۇن ئىمپىراتورلۇقى، ئۇيغۇر دۆلىتى، كۆكتۈرك دۆلىتى، قاراخانىيلار دۆلىتى، سالجۇقىيلار دۆلىتى، سەئىدىيە دۆلىتى، شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى، قەشقەرىيە دۆلىتى، خوتەن ئىسلام ھاكىمىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق نۇرغۇن قېتىم دۆلەت قۇرغان ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ كەلگەن بىر مىللەت.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى
www.maarip.org