تەيۋەن مەسىلىسى خىتاي بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە كرىزىس پەيدا قىلدى
2010-02-01
خىتاي، تەيۋەن مۇستەقىللىقنى ئېلان قىلغان ھامان ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.
ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قۇرال سېتىش قارارى، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە يەنە بىر قېتىم سۈركۈلۈش پەيدا قىلدى. بېيجىڭ ۋاشىنگىتون بىلەن ھەربى جەھەتتە ئۇچرىشىشنى بىكار قىلدى ۋە تەيۋەنگە قۇرال سېتىپ بېرىدىغان ئامېرىكا شېركەتلىرىگە ئامبارگۈ يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ب ب س ئاخباراتىنىڭ 2010 - يىلى 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە 6 مىليارد 400 مىليۇن دوللارلىق قۇرال - ياراق سېتىش قارارىغا خىتاي قاتتىق ئېتىراز بىلدۈردى ۋە خىتاي دائىرلىرى بۇنىڭغا قارشى ھەربىي جەھەتتىكى ئۇچرىشىش، بىخەتەرلىك، قۇرال تەكشۈرۈش ۋە ئاتوم - يادرو قۇراللارنىڭ كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە سۆھبەتلەشمەكچى بولغان ئۇچرىشىشلارنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا ئېتىراز خېتى بەرگەن خىتاي دائىرلىرى، بۇ قارارنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە جىددى بىر زىيان سالىدىغانلىقى بىلەن ئاگاھلاندۇرغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى خې يافې نىڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا بەرگەن خەتتە، تەيۋەنگە قۇرال سېتىش كېلىشىمى ، خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە جىددى بىر تەھلىكە پەيدا قىلىدىغانلىقى، ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشقانلىق دەپ باھا بەرگەن ۋە كېلىشىمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بولسا، تەيۋەنگە قۇرال سېتىش قارارىدا چىڭ تۇرىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى، لائۇرا تىسچلەر، تەيۋەنگە قۇرال سېتىش قارارنىڭ خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقنى قوغداشقا پايدىسى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىكى جۈمە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، تەيۋەنگە 6 مىليارد 400 مىليون دوللارلىق 114 باشقۇرۇلىدىغان بومبا، 60 ئېغىر تىپتىكى تىكئۇچار، تەيۋەنگە ئائىت ف 16 ئايرۇپىلانلار ئۈچۈن ئۇچۇر ئالاقە جىھازلىرى ۋە سۇ ئاستى ھەربى پاراخوت ساتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى فىلىپ كروۋلىي، تەيۋەننىڭ ئېھتىياجى بولغان مۇداپىئە سېستىملىرىنى سېتىش مەجبۇرىيتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ئۇ يەنە، بۇ قېتىمقى قۇرال سېتىش قارارنىڭ بۇ مەجبۇرىيەتلەرنىڭ بىر پارچىسىنىڭ ئىشارىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
خىتاي دائىرلىرى 1949 - يىلى قۇرۇلغان تەيۋەننى خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى دەپ داۋا قىلىپ كەلمەكتە. تەيۋەننىڭ ئۇنىڭدىن باشقا تىبەت مەسىلىسىدىمۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا پات - پات سۈركۈلۈش پەيدا بولماقتا، خىتاي دائىرلىرى بۆلگۈنچى دەپ ئەيبلەپ كېلىۋاتقان تىبەتلەرنىڭ روھانىي دائىيسى دالا لامانىڭ بۇ ئاي ۋاشىنگتون زىيارىتىدە، ئوباما تەرىپدىن قوبۇل قىلىنسا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە يەنە بىر مەسىلە پەيدا قىلىدۇ، بۇ ۋەزىيەتتە 4 - ئايدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋنىڭ ئاتوم - يادرو قۇراللار بىخەتەرلىككە ئالاقىدار ۋاشىنگىتوندا ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان يىغىنغا بايقۇت قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە تەدىرىجى سۈركۈلۈش جىددى تۈس ئالماقتا.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى تەشۋىقات بۆلۈمى
www.maarip.org