ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمەجە رايونىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ شۆبىسى ئېچىلدى
2010-02-01
سۈرەتتە: شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، كۈچۈكچەكمەجە رايونلۇق شەھەر باشلىقى ئازىز يېنىئاي ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ كۈچۈكچەكمەجە شۆبە باشلىقى تەمەل قارادېڭىز ئەپەندىلەر بىلەن بىرگە.
سۈرەت: مۇراسىمدا كۈچۈكچەكمەجە رايونلۇق شەھەر باشلىقى ئازىز يېنىئاي ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ كۈچۈكچەكمەجە شۆبە باشلىقى تەمەل قارادېڭىز ئەپەندىلەرگە ئۇيغۇر دوپپىسى تەقدىم قىلىنغان كۆرۈنۇش.
مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ مەسئۇللىردىن ئابلىكىمخان مەخسۇم ، كۈچۈكچەكمەجە رايونلۇق شەھەر باشلىقى ئازىز يېنىئاي ، پىشقەدەم ۋەتەنپەرۋەر زات سەلەي ھاجىم ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ كۈچۈكچەكمەجە شۆبە باشلىقى تەمەل قارادېڭىز ئەپەندىلەر بىرگە خاتىرە رەسىمگە چۈشتى.
مۇراسىمدا كۈچۈكچەكمەجە شەھەر باشلىقى ئەزىز يېنىئاي ، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ كۈچۈكچەكمەجە رايۇنلۇق شۆبە باشلىقى تەمەل قارادېڭىز سۆز قىلدى. مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، شەھەر باشلىقى ئەزىز يېنىئاي ئەپەندىگە، ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى ھەققىدە قىسقىچە دوكىلات بەرگەندىن كېيىن شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ خىزمەت - پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
ئىستانبۇلنىڭ سەپەكۈي رايونى چوڭ ۋە ئاۋات رايونلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ رايوندا 500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئائىلىسى ياشايدۇ. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەركىزى ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، 2008 - يىلى زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا شۆبىسى ئېچىلغان ئىدى. بۇ قېتىم كۈچۈكچەكمەجە - سەفاكۆي رايونىدا شۆبىسى ئېچىلدى. ئۇيغۇرلار ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ، سەفاكۆي ۋە ئاقساراي رايونلىرىدا كۆپ ئولتۇراقلاشقان.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى تەشۋىقات بۆلۈمى
www.maarip.org