ئۈرۈمچىدىن ئۇچقان بىر ئايرۇپىلاندا ئوت يېقىش ۋەقەسى يۈز بەردى
2010-02-01
ئاۋسترالىيە خەۋەر تور بېتىدە بىلدۈرۈشىچە، ئۈرۈمچىدىن خۇبى غا قاراپ يولغا چىققان بىر ئايرۇپىلاندا بىر يولۇچى ئايرۇپىلان ھاجەتخانىدىكى تازلىق قەغىزىگە ئوت يېقىپ ئايرۇپىلاننى ئۈرۈمچىگە قايتىشقا مەجبۇرلىغان. ئايرۇپىلان ئۈرۈمچىگە چۈشكەندىن كېيىن ئۈرۈمچى ساقچىلىرى ئايرۇپىلاندا تازلىق قەغىزىگە ئوت ياققان بىر ئايال ۋە ئۇ ئايال بىلەن بىرگە سەپەر قىلغان بىر ئەر كىشىنى تۇتقۇن قىلغان.
شىنخۇۋا تور بىتىدە بۇ ھەقتە تەپسىلى خەۋەر بېرىلگەن بولۇپ، ئايرۇپىلان ھاجەتخانىسىدا ئوت يېقىپ تاماكا چەككەن كىشى تۇتۇلدى دېگەن، ئەمما ئۇ كىشىنىڭ كىم ۋە قايسى مىللەتتىن ئىكەنلىكىنى ئاشكارلىمىغان.
چەتئەل ئاخباراتلىرىدا ئېلان قىلىنىشىچە، بۇ ۋەقەدە ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان بىر ئايال ۋە بىر ئەر كىشى، ئايرۇپىلاننىڭ ھاجەتخانىسىدا يېقىلغۇ ماددىغا ئوت يېقىۋاتقاندا يولۇچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
بۇ ۋەقە 2008 - يىلى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچىدىن ئۇچقان ئايرۇپىلاننى بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ بېيىجىڭغا چۈشۈشكە مەجبۇرلىغان ۋەقەگە ئوخشاپ كېتىدۇ.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى تەشۋىقات بۆلۈمى
www.maarip.org