ئىستانبۇلنىڭ بۈيۈك چەكمەجى رايونىدا قۇتادغۇبىلىك ھەققىدە يىغىن ئۆتكۈزۈلدى
2010 - يىلى 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ، ئىستانبۇلنىڭ بۈيۈك چەكمەجى ئاتاتۈرك كۈلتېر مەركىزىنىڭ يىغىن زالىدا ئۇلۇغ مۇتەپەككۈر ئالىم يۈسۈپخاس ھاجىپنىڭ ئەڭ مەشھۇر ئەسىرى قۇتادغۇبىلىك ھەققىدە بىر يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىندا پروفسسور دوكتۇر زۇلال ئۆلمەس خانىم، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ياشىغان دەۋىر ھەققىدە توختلىپ مۇنداق دېدى: يۈسۈپ خاس ھاجىپ 1017 - يىلى قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ بالاساغۇن شەھىرىدە دۇنيا كەلدى. ئۇ بالاساغۇندا ئىلىم تەھسىل قىلدى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۈرك تىل ۋە ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسى بولغان قۇتادغۇبىلىك ناملىق ئەسەرنى يازدى. بۇ كىتاب تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ تۈنجى سىياسەتنامىسىدۇر.
پروفسسور دوكتۇر زۇلال ئۆلمەس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قۇتادغۇبىلىك تۈنجى قېتىم 1439 - يىلى ھىراتتا تېپىلغان. بۇ كىتاب ئۇيغۇر تىلىدا يېزىغلان بولۇپ، كېيىن ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنغان.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى تەشۋىقات بۆلۈمى
www.maarip.org