تۈركىيىنىڭ TV5 تېلىۋىزىيىسدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كەچمىشى ۋە بۈگۈنى دېگەن تېمىدا پروگرامما تارقىتىلدى
24-02-2009
تۈركىيىنىڭ TV5 تېلىۋىزىيىسى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۇلۇۋاتقان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كەلتۈرۈشكە تېرىشىپ پروگرامما تارقىتىپ كېلىۋاتقان تېلېۋىزىيە قاناللاردىن بىرى.
Photo rfa
2009 - ﻳﯩﻠﻰ 20 - ﻳﺎﻧﯟﺍﺭ ﻛﯜﻧﻰ تۈركىيە ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 15:00 تە تۈركىيىنىڭ TV5 تېلىۋىزىيەسى شەرقىي تۈركىستاننىڭ كەچمىشى ۋە بۈگۈنى دېگەن تېمىدا بىر پروگرامما تارقاتتى. پروگراممىغا شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بىلەن باش كاتىپ دوكتۇر ئالىمجان ئاتاۋۇللا تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. پروگرامما ﺳﯘﻧﺌﯩﻲ ﻫﻪﻣﺮﺍ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻧﻪﻕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﺪﻯ پروگراممىغا TV5 تېلىۋىزىيەسى خادىمى نازمى خانىم رىياسەتچىلىك قىلدى. پروگراممىدا ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بىلەن دوكتۇر ئالىمجان شەرقىي تۈركىستاننىڭ كەچمىشى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى شۇنداقلا رىياسەتچى خانىمنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاپ بەردى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان پروگرامما جەريانىدا يەنە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىتيىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى ۋە ئىش - پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالدى.
دوكتۇر ئالىمجان سۆز قىلىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە يېتەرلىك كۆڭۈل بەرمەيۋاتقانلىقىنى، ھېچقانداق بىر رەسمى ئورگاننىڭ قوللىمايۋاتقانلىقىنى ھەتتا ئاخباراتلاردىمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە خەۋەر ئۇچۇرلار ئېلان قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ بۇنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ﺑﯘ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﺎ 2 سائەت داۋام قىلغان بولۇپ، ﺳﯘﻧﺌﯩﻲ ﻫﻪﻣﺮﺍ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻧﻪﻕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﺪﻯ. پروگراممىدا بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە بەس مۇنازىرە قىلىنسا يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى مەدەنىيىتى، ئۆرپ ئادەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان ۋە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىۋاتقان كۆرۈنىشلىرى كۆرسىتىلدى. بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن پروگراممىغا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
مەنبەسى: www.rfa.org/uyghur
ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ
www.maarip.org