تۈركىيىنىڭ ھىلال تېلىۋېزىيەسىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
10-01-2009
تۈركىيە خەلقى ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ قان قېرىنداشلىرى دەپ بىلگەچكە ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە ھىسداشلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە. تۈركلەر ئۇيغۇر دىيارنى ئۆزلىرىنىڭ ئاتا يۇرتى دەپ بىلىدۇ چۈنكى بەزى تۈرك تارىخ كىتاپلىرىدا تۈركلەر ئوتتۇرا ئاسىيادىن بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىن كۆچۈپ كەلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار يېزىلغان. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا تۈركىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا خەۋەر ۋە ماقالىلار ئۇچراپ تۇرىدۇ، تېلىۋېزىيە قاناللىرىدا پروگرامما تارقىتىلىدۇ.
سۈرەت : دوكتۇر ئالىمجاننىڭ ھىلال تېلىۋېزىيەسىنىڭ نەخ مەيداندىن تارقىتىلغان پروگراممىسىدا ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە سۆز قىلىۋاتقان كۆرۈنۇشى.
2009 - يىلى 10 - يانۋار شەنبە كۈنى كەچ سائەت 20:00 دە تۈركىيىنىڭ ھىلال تېلىۋېزىيەسى" مەدەنىيەت ۋە ھايات " پروگراممىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى. پروگراممىغا ھىلال تېلىۋېزىيەسىنىڭ خادىملىرىدىن زەھىدە ئۆلكۈ خانىم رىياسەتچىلىك قىلدى. پروگراممىغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ باش كاتىپى دوكتۇر ئالىمجان ئەپەندى، IHH ئىنسانى ياردەملىشىش فوندىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئەخمەت ئىمىندار ئەپەندى قاتارلىق شەخسلەر ئىشتىراق قىلدى. بۇ پروگرامما سۇنئى ھەمرا ئارقىلىق نەخ مەيداندىن تارقىتىلدى. پروگراممىدا دوكتۇر ئالىمجان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ھەققىدە سۆز قىلىپ، پىكىر -كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى
دوكتۇر ئالىمجان سۆزىدە خىتاي دائىرلىرىنى ئاخبارات ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويغانلىقى بىلەن ئەيىپلاپ، ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر دۇنياغا ئاڭلىتىلماي كېلىۋاتقاچقا دۇنيا جامائىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى مەسىلىلىرىنى بىلمەي كېلىۋاتقانلىقىنى ، شەرقىي تۈركىستاندا مەسىلە ئېغىر ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۈستى ئۇچۇق بىر تۈرمىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ
www.maarip.org