جەمئىيتىمىزنىڭ
ئۇيۇشتۇرۇشى
بىلەن
ئىستانبۇلدىكى
ئۇيغۇرلار
قۇربان
ھېيىتنى
بىرلكتە
ئۆتكۈزدى
2009-12-01
دۇنيانىڭ
ھەر
قايسى
جايلىرىدىكى
مۇسۇلمانلار
قۇربان
ھېيت
بايرىمىنى
قىزغىن
تەبرىكلىمەكتە،
جۈملىدىن
تۈركىيىنىڭ
ئىستانبۇل
شەھىرىدە
ياشاۋاتقان
ئۇيغۇرلارمۇ
شەرقىي
تۈركىستان
ۋەخپىنىڭ
مەركىزىگە
يىغىلىپ
قۇربان
ھېيت
بايرىمىنى
بىرلىكتە
ئۆتكۈزدى
2009
-
يىلى
11
-
ئاينىڭ
29
-
كۈنى
يەنى
قۇربان
ھېيتنىڭ
3
-
كۈنى
شەرقىي
تۈركىستان
ۋەخپى
ۋە
شەرقىي
تۈركىستان
مائارىپ
ۋە
ھەمكارلىق
جەمئىيىتىنىڭ
بىرلىكتە
ئۇيۇشتۇرۇشى
بىلەن
شەرقىي
تۈركىستان
ۋەخپىنىڭ
مەركىزىدە
قۇربان
ھېيت
بايرىمىنى
تەبرىكلەش
مۇراسىمى
ئۆتكۈزۈلدى.
مۇراسىمغا
ئىستانبۇلدا
ياشاۋاتقان
ئۇيغۇرلاردىن
ئەر
-
ئايال
ۋە
كىچىك
بالىلار
بولۇپ
كۆپ
ساندا
كىشى
قاتناشتى.
سۈرەت
:
مۇراسىمدا
شەرقىي
تۈركىستان
مائارىپ
ۋە
ھەمكارلىق
جەمئىيىتىنىڭ
رەئىسى
ھىدايەتۇللا
ئوغۇزخان،
يىغىن
ئىشتىراكچىلىرىنىڭ
ۋە
دۇنيادىكى
پۈتكۈل
ئۇيغۇر
مۇسۇلمانلارنىڭ
قۇربان
ھېيت
بايرىمىنى
تەبرىكەپ
سۆز
قىلىۋاتقان
كۆرۈنۇش.
سۈرەت
: 2009
-
يىلى
11
-
ئاينىڭ
29
-
كۈنى
يەنى
قۇربان
ھېيتنىڭ
3
-
كۈنى
شەرقىي
تۈركىستان
ۋەخپى
ۋە
شەرقىي
تۈركىستان
مائارىپ
ۋە
ھەمكارلىق
جەمئىيىتىنىڭ
بىرلىكتە
ئۇيۇشتۇرۇشى
بىلەن
شەرقىي
تۈركىستان
ۋەخپىنىڭ
مەركىزىدە
ئۆتكۈزۈلگەن
قۇربان
ھېيت
بايرىمىنى
تەبرىكلەش
مۇراسىمىدىن
كۆرۈنۇش.
سۈرەت
:
مۇراسىمدا
شەرقىي
تۈركىستان
ۋەخپىنىڭ
باش
كاتىپى
ھامۇت
كۆكتۈرك
سۆز
قىلىۋاتقان
كۆرۈنۇش
سۈرەت
:
مۇراسىمدا
شەرقىي
تۈركىستان
مائارىپ
ۋە
ھەمكارلىق
جەمئىيىتىنىڭ
باش
كاتىپى
دوكتۇر
ئالىمجان
سۆز
قىلىۋاتقان
كۆرۈنۇش.
مۇراسىمدا
شەرقىي
تۈركىستان
مائارىپ
ۋە
ھەمكارلىق
جەمئىيىتىنىڭ
رەئىسى
ھىدايەتۇللا
ئوغۇزخان،
باش
كاتىپ
دوكتۇر
ئالىمجان
ئاتاۋۇللا،
شەرقىي
تۈركىستان
ۋەخپىنىڭ
باش
كاتىپى
ھامۇت
كۆكتۈرك
قاتارلىق
شەخسلەر
سۆز
قىلىپ،يىغىن
ئىشتىراكچىلىرىنىڭ
ۋە
دۇنيادىكى
پۈتكۈل
ئۇيغۇر
مۇسۇلمانلارنىڭ
قۇربان
ھېيت
بايرىمىنى
تەبرىكلىدى.
مۇراسىمغا
دۇنيا
ئۇيغۇر
قۇرۇلتىيىنىڭ
باش
كاتىپى
دولقۇن
ئەيسا
ئەپەندىنىڭ
ئىستانبۇلدىكى
ئۇيغۇرلارنىڭ
قۇربان
ھېيتنى
تەبرىكلەپ
يوللىغان
تېلىگىرافى
ئوقۇپ
ئۆتۈلدى.
ئۇنىڭدىن
باشقا
يەنە
مىللەتچى
ھەرىكەت
پارتىيىسى
ۋە
تۈركىيە
پارلامېنت
ئەزاسى
دەۋلەت
باھچەلى
ۋە
ياۋروئاسىيا
بىر
ۋەخپى
قاتارلىق
بىر
قانچە
ئاممىۋىي
تەشكىلاتلارنىڭ
مەسئۇللىرىنىڭ
ئىستانبۇلدىكى
ئۇيغۇرلارنىڭ
قۇربان
ھېيت
بايرىمىنى
تەبرىكلەپ
يوللىغان
تېلىگىرافى
ئوقۇپ
ئۆتۈلدى.
دوكتۇر
ئالىمجان
سۆزىدە،
قۇربان
ھېيت
بايرىمىنىڭ
ئالاھىدىلىكى
ھەققىدە
توختالغاندىن
كېيىن
ئۇيغۇرلارنىڭ
بىر
يەرگە
جەم
بولۇپ
قۇربان
ھېيتنى
بىرلىكتە
ئۆتكۈزۈشنىڭ
ئەھمىيىتى
ھەققىدە
توختالدى.
كېيىن
مۇراسىمغا
قاتناشقان
ئۇيغۇرلار
ئۆز
ئارا
سالاملىشىپ
بىر
-
بىرىنىڭ
قۇربان
ھېيت
بايرىمىنى
تەبرىكلەشتى
ۋە
ئۆز
ئارا
سۆھبەتلىشىپ
ھال
ئەھۋال
سوراشتى.
مۇراسىم
ئاخىرىدا
تاماق
زىياپىتى
بېرىلدى.
زىياپەتتىن
كېيىن
مۇراسىم
ھاياجانلىق
ئىچىدە
ئاخىرلاشتى.
www.maarip.org