10-01-2009
11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك بىر كۈن. بۇ كۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاتلىققا ئېرىشىپ مۇستەقىل دۆلەت قۇرغان كۈنىنى ئەسلىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار بۇ كۈننى خاتىرلەپ يىغىن مۇراسىملار ئۇيۇشتۇرۇپ، بىر يەرگە جەم بۇلۇپ شۇ تارىخ كۈن ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ چۈشەنچىلىرىنى ئىزھار قىلىشىدۇ.
بۈگۈن يەنى 2009 - يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەتكە قاراشلىق ئاقدېڭىز يىغىن زالىدا، 1933 يىلى ۋە 1944 - يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
سۈرەت: 2009 - يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەتكە قاراشلىق ئاقدېڭىز يىغىن زالىدا، 1933 يىلى ۋە 1944 - يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرلەش مۇراسىمى كۆرۈنۇش
سۈرەت: شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى ئوقۇلىۋاتقان كۆرۈنۇش
1944 - يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا شاھىد بولغان پىشقەدەم ۋەتەنپەرۋەر زات سەلەي ھاجىم ئارتۇشى، شەرقىي تۈركسىتان ئىستىقلال مارشىنى ئوقۇپ ئۆتتى.
سۈرەت: مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ھاجىم ئېچىلىش نوتىقى سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۇشى .
سۈرەت
سۈرەت: زەيتىنبۇرنۇ رايونىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ئىلياز ساكا ئەپەندى سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۇشى .
سۈرەت: سائادەت پارتىيىسى تاشقى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مەسئۇلى دوكتۇر سەرۋەت يازىجى سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۇشى .
سۈرەت: تۈركىيە ئىنسانىي ياردەم ۋە كىشىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھۆسەيىن ئۇرۇچ ئەپەندى سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۇشى.
سۈرەت: شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تىبەت يۈجەتۈرك سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۇشى.
تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە ۋەخپىنىڭ رەئىسى پروفېسسور نىجاتى جەيلان سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۇشى.
سۈرەت: شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ باش كاتىپى دوكتۇر ئالىمجان تۈركىيە پارلامېنت رەئىسى مەھمەت ئېلى شاھىن، ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى قادىر توپباش، تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ۋە كۆپلىگەن پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بۇ مۇراسىمنى تەبرىكلەپ يوللىغان تېلېگىرافلىرى ئوقۇپ ئۆتتى
سۈرەت : سىياسى پائالىيەتچى ئا. ئەزىز ئەپەندى سۆز قىلىۋاتقان كۆرۈنۇش
يىغىندا يەنە مەرھۇم ئەلىخان تۆرەمنىڭ ئوغلى قۇتلۇقخان تۆرەم سۆز قىلىپ، 1944 - يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانداق قۇرۇلغانلىقى ۋە دادىسى ئەلىخان تۆرەمنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار قالدۈرۈپ كەتكەن ۋەسىيەتلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
يىغىندا كىچىك بالىلار سەھنىگە چىقىپ، 'يېتىم تۈركىستان' تېمىدا ماقالە ئوقۇدى. ئۇ ماقالە بەك تەسىرلىك بولۇپ يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنى يىغلاتتى.
سۈرەت : يىغىندا يەنە ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى ئەلى خوجا ئەپەندى، مەمتىئىمىن بۇغرا باشچىلىقىدىكى خوتەن ئىنقىلاۋىي ۋە ئۇ ئىنقىلابنىڭ غەلىبە نەتىجىلىرى شۇنداقلا 1933 - يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە يىمىرلىش سەۋەبلىرى ھەققىدە سۆز قىلدى.
سۈرەت :يىغىندا يەنە زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق شەھەر باشلىقى مۇراد ئايدىن ئەپەندى سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۇشى
سۈرەت: شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شەھيار 1944 - يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئاغدۇرۇلۇش سەۋەبلىرى ھەققىدە سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۇشى.
سۈرەت: يىغىندا كىچىك بالىلار سەھنىگە چىقىپ، 'يېتىم تۈركىستان' تېمىدا ماقالە ئوقۇۋاتقان كۆرۈنۇشى.
سۈرەت : بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيەتلىرى قۇرۇلغان بىر كۈن ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلىۋاتقان كۆرۈنۇش.
يىغىن ئاخرىدا دىنى ئالىم ئابدۇرېھىم ھاجىم شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيەتلىرى قۇرۇلۇش يولىدا جانلىرىنى پىدا قىلغان شەھىدلەرنىڭ روھىيغا ئاتاپ دۇئا قىلدى.
ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ
www.maarip.org