جەمئىيىتىمىز مەسئۇللىرى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىدە 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلدى
11-02-2009
5 - فېۋرال ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېچىنىشلىق بىر كۈنىنى ئەسلىتىدۇ، ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك بۇنىڭدىن دەل 12 يىل ئىلگىرى يەنى 1997 - يىلى 5 - فېۋرال كۈنى غۇلجىدا كۆپ ساندا ئۇيغۇر ياشلىرى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ناتوغرا سىياسىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان نارازلىق نامايىش پائالىيىتى خىتاي قوراللىق ساقچى - ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ۋەھشىيانە باستۇرۇلغان ئىدى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ بۇ جىنايى قىلمىشلىرىنى ھېچقاچان ئۇنتۇپ قالمىدى. ھەر يىلى 5 - فېۋرال كۈنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار غۇلجا ۋەقەسىنى ئەسلەپ، خىتايغا بولغان غەزەپ - نەپرەتلىرىنى ئىپادىلەپ، نامايىش پائالىيىتى ئېلىپ بارماقتا، يىغىن، مۇراسىم ئۇيۇشتۇرۇپ غۇلجا ۋەقەسىدە شەھىد بولغان ۋە تۈرمىگە قامالغانلارنى ياد ئېتىپ ئۇيغۇر خەلقنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ ئېچىنىشلىق تراگېدىيىنى خاتىرلەپ ئۆتمەكتە. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ھەر يىلدىكىگە ئوخشاش بۇ يىلمۇ ئوخشىمىغان دۆلەت ۋە رايونلاردا ئوخشاش ۋاقىتتا 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى ئەسلەپ نامايىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. يىغىن مۇراسىم ئۇيۇشتۇردى.
مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى مەھمەت رىزابېكىن ئېچىلىش نوتىقى سۆزلىدى.
2009- يىلى 7 - فېۋرال شەنبە كۈنى مەركىزى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى تەرىپىدىن ۋەخپىنىڭ مەركىزىدە غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا تۈركىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مەسئۇللىرى، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى مەسئۇللىرى ، شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر - قازاقلاردىن بولۇپ 200 دىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلدى. مۇراسىمغا يەنە بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتى تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ھۆرمەتلىك پروفېسسور ، دوكتۇر مەھمەت قارائۆز ئەپەندى مېمار سىنان گۈزەل - سەنئەت ئۇنىۋېرسىتى تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتۇر گۈلشەن چاندارلىئوغلۇ خانىم، قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ دوستلىرى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان شەخسلەر بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى. مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى ھامۇتخان كۆكتۈرك ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇراسىمدا قۇرئان تىلاۋەت قىلىنىپ غۇلجا ۋەقەسىدە شەھىد بولغانلارنىڭ روھىغا ۋە تۈرمىگە قامالغانلارنىڭ سەۋىرچان بولۇشى ۋە ئائىلىسىگە خاتىرجەملىك تىلىپ دۇئا قىلدى.
مۇراسىمدا غۇلجا ۋەقەسىدە شەھىد بولغان شەخسلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ بىر مىنۇتلۇق سۈكۈتتە تۇرغاندىن كېيىن ئىستىقلال مارشى ئوقۇلدى. كېيىن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى مەھمەت رىزابېكىن ئېچىلىش نوتىقى سۆزلىدى.
سۈرەت :شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىى ھەققىدە سۆز قىلىۋاتقان كۆرۈنۇشى.
مۇراسىمدا يەنە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دوكتۇر ئەخمەت تۇركوز ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پروفېسسور دوكتۇر سۇلتان مەھمۇت قەشقەرلى، بىلكەنىت ئۇنىۋېرسىتى تىل ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ بۆلۈم باشلىقى پروفېسسور دوكتۇر مەھمەت قارائۆز ئەپەندى، پېشقەدەم ۋەتەنپەرۋەر زات سەلەي ھاجىم ئاتۇشى قاتارلىق شەخسلەر نۆۋەت بىلەن مۇنبەرگە چىقىپ 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى ھەققىدە سۆز قىلدى. مۇراسىمدا بىلكەنىت ئۇنىۋېرسىتى تىل ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتۇر مەھمەت قارائۆز ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا ئورونلاشتۇرغان كۆپ ساندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ نۇپۇسىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يوقىتۇشنى خالايدۇ ، ئاسىملاتسىيە قىلىشنى كۆزلەۋاتىدۇ. . شەرقىي تۈركىستانلىقلار بۇنىڭغا بىر قانچە قېتىم قارشى چىقىپ ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن قارشىلىق كۆرسەتتى. ئىسيان قىلدى. بۇ ئىسيانلارنى بىز بىلىمىز، كۆزىتىپ كېلىۋاتىمىز، ئەمما خىتايلار قايتا - قايتا باستۇردى. شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى ب د ت نىڭ كۈن تەرتىپىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىشىمىز لازىم. ئاخىرىدا تاماق زىياپىتىدىن كېيىن دۇئا قىلىش بىلەن مۇراسىم ئاخىرلاشتى
ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ
www.maarip.org