ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ 12 ئۇيغۇرنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغانلىقىغا قارشى نامايىش قىلدى
20-10-2009
2009 - يىلى 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ بىر ھەپتە ئىچىدە 12 ئۇيغۇرنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ ئىجرا قىلغانلىقىغا قارشى نامايىش قىلدى. نامايىشقا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر - ئايال ۋە كىچىك بالىلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. نامايىشچىلار تەكبىر توۋلاپ، ياشىسۇن مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان، مەزلۇملار بۇ يەردە ئىنسان ھەقلىرى قەيەردە، شىنجاڭ ئەمەس شەرقىي تۈركىستان، ھەق - ھوقۇق ئادالەت تۈركىستانغا ھۆررىيەت دېگەنگە ئوخشاش شۇئار توۋلىدى. ئاياللار يىغلاپ تۇرۇپ ۋەتەندە يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللارنى مۇخبىرلارغا ئاڭلاتتى. ئاياللارنىڭ نالە پەرياد قىلىپ يىغلاشلىرىدىن تەسىرلەنگەن تۈرك ساقچىلىرى كۆز ياشلىرىنى توختىتالماي قالدى. نامايىشقا تۈركىيىنىڭ نۇرغۇن تېلېۋىزىيە مۇخبىرلىرى ۋە ئاخباراتچىلارمۇ كەلگەن بۇلۇپ، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلىپ خىتاينىڭ بىر ھەپتە ئىچىدە ئىككى قېتىم سوت ئېچىپ ئارقا ئارقىدىن 12 نەپەر ئۇيغۇرنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلدى. ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ خىتاي 60 يىلدىن بىرى دىنى ۋە مىللى ئاسىملاتىسىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ۋە 5 - ئىيۇل كۈنى مىللى قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقىنى بۇ ۋەقەلەردە ئون مىڭلارچە كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى يۈز مىڭلارچە كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە بىر ھەپتە ئىچىدە خىتايلار 12 ئۇيغۇرنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ ئىجرا قىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ۋە مىللى قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيبلىدى ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۇنيا جامائىتىدىن شەرقىي تۈركسىتاندا داۋام قىلىۋاتقان قەتلقىئامغا سۈكۈت قىلماسلىققا چاقىرىق قىلدى.
سۈرەتتە: نامايىشتا ئۇيغۇر ئايال مۇخبىرلارغا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم - ئىسكەنجە ۋە قىرغىنچىلىقىنى سۆزلەپ ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ كەتتى.
نامايىشتىن تېخىمۇ كۆپ سۈرەتلەرنى كۆرۈش ئۈچۈن بۇ يەرنى چېكىڭ شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەشۋىقات بۆلۈمى
www.maarip.org