كۈلتېرلەر ئارىسى كۆۋرۈك جەمئىيىتى ۋە دوست تىلىۋېزىيىسىنىڭ مەسئۇللىرى جەمئىيىتىمىزنى زىيارەت قىلدى
10-10-2009
2009 - يىلى 10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى كۈلتېرلەر ئارىسى كۆۋرۈك جەمئىيىتى ۋە دوست تىلىۋېزىيىسىنىڭ 10 كىشىدىن تەركىپ تاپقان بىر ھەيئەت جەمئىيىتىمىزنىڭ زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە جەمئىيەت رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باش كاتىپ دوكتۇر ئالىمجان قاتارلىق مەسئۇللار بىلەن ئۇچراشتى. ئۇچرىشىشتا ئاساسلىقى ئىككى جەمئىيەتنىڭ مەسئۇللىرى ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇردى ۋە ئىككى جەمئىيەت بۇنىڭدىن كېيىن كىتاپ نەشىر قىلىش، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ تەلىم تەربىيە ساھەلەردە ئۇلارغا يار - يۈلەك بولۇش ھەققىدە بىرلىكتە پائالىيەت قىلىش توغرىسىدا مۇزاكىرىلەر ئېلىپ باردى. 2 سائەتلىك مۇزاكىرلەردىن كېيىن ئىككى جەمئىيەت مەسئۇللىرى بىر قىسىم تۈركچە كىتابلارنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلىش. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ تەلىم تەربىيە ساھەلەردە ئۇلارغا يار - يۈلەك بولۇش، ئۇيغۇر ئاياللار بىلەن تۈرك ئاياللارنىڭ بىرلكتە پائالىيەت قىلىشىغا شارائىت ھازىرلاش. دوست تىلىۋېزىيەسىدە شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس پروگرامما ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىشىش توغرىسىدا قارارلار ئالدى.
سۈرەت: كۈلتېرلەر ئارىسى كۆۋرۈك جەمئىيىتى رەئىسى خاقان يالمان ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى مەسئۇللىرى جەمئىيەتنىڭ زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسىدە مۇزاكىرلىشىۋاتقان كۆرۈنۇش
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەشۋىقات بۆلۈمى
www.maarip.org