شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىدە ئايلىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
10-01-2009
تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ھەر ئاينىڭ بېشىدىكى ھەپتىنىڭ يەكشەنبە كۈنلىرى جەمئىيەت مەركىزىگە توپلۇنۇپ يىغىن ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە، يىغىندا ئاساسلىقى، بىرلىشىش ۋە جامائەت بولۇپ ئۇيۇشۇش ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيەتلىرى، ئىتتىپاقسىزلىقتىن ئىبارەت ناچار ئىللەتلەرگە خاتىمە بېرىش، شۇنداقلا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەل بولماي كېلىۋاتقان مەسىلىلىرى ھەققىدە توختۇلۇپ، ھەر ئايدا ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ۋە دۇنيا كۈن تەرتىپىدە تىلغا ئېلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت قىلىنىپ، پىكىر - مۇلاھىزە يۈرگۈزلۈپ كەلمەكتە. بۇ سۆھبەت يىغىنى ھەر ئاي داۋاملىشىپ كېلىۋاتقاچقا يىغىنغا قاتنىشىدىغان شەخسلەرنىڭ سانىمۇ ئىلگىرىكىدىن غۇللۇق دەرىجىدە كۈپەيگەن. 2009 - يىلى 4 - يانۋار كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىدە 1 - ئايلىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى. يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىمىزنىڭ باش كاتىپى دوكتۇر ئالىمجان ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ھۆرمەتلىك ئابلىكىمخان مەخسۇم " بىرلىشىش، ئىتتىپاقلىشىش ۋە بىرلىشەلمەسلىكنىڭ تۈپ ئامىلى" دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. يىغىن 2 سائەت داۋام قىلغان بولۇپ، كەچلىك تاماق زىياپىتىدىن كېيىن ئاخىرلاشتى. بىز بۇ ھەقتە مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرىغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتۇر ئالىمجان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
سۇئال: ھۆرمەتلىك ئالىمجان ئەپەندى سىلەر شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىدە ھەر ئاينىڭ بېشىدا سۆھبەت يىغىنى ئېلىپ بېرىۋاتىسىلەر، بۇ يىغىنغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ساندا كىشى قاتنىشىۋاتىدۇ، بۇ خىلدىكى سۆھبەت يىغىنى ھەر ئاي داۋاملىشىپ كېلىۋاتقاچقا يىغىنغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ سانىمۇ كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىۋاتىدۇ، بۇ يىغىندا ئاساسلىقى قانداق مەزمۇندا سۆھبەتلەر بولىدۇ بۇ ھەقتە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟ رەھمەت بىز شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بولۇش سۈپتىمىز بىلەن، بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى شۇنداقلا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، ئۇلارغا دىنى، مەدەنىيەت ۋە ھەر قايسى ساھەلەردە ئۆزىمىزنىڭ خەلقىنى ئۇلار بېلىشكە تېگىشلىك مەلۇماتلارغا ئىگە قىلىش ۋە ئۇلارنى مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى يۈكسەلتىش ئۈچۈن، ھەر ئاينىڭ بىرىنچى يەكشەنبە كۈنى جەمئىيەتكە توپلۇنۇپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. سۇئال: ھۆرمەتلىك ئالىمجان ئەپەندى بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى ئاساسى مەقسىتىڭلار نېمە؟ يەنى بۇ يىغىندىن قانداق نەتىجىگە ئېرىشمەكچى؟
جاۋاپ: بۇ يىغىننى ئۇرۇنلاشتۇرۇشتىكى ئاساسى مەقسىتىمىز، بىز شەرقىي تۈركىستاندا بىر يەرگە توپلۇنۇپ بۇ خىلدىكى يىغىن پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارالمايتتۇق. بىز چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن چەتئەل ئەركىن دېموكراتىيە دۆلەت ئىنسانلار ئۆزىنىڭ دىنى بىلەن ياشاش، ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۈرۈش ئۈچۈن بىر يەرگە توپلۇنۇپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ئىنتايىن ئەركىن، ھېچقانداق بىر تۇسالغۇ يوق، بىزمۇ شۇ ئاساستا پارچىلىنىپ كەتكەن، ئۇياق - بۇياقلاردا تەمتىرەپ قالغان خەلقىمىزنى بىر يەرگە توپلاپ، ئۆزىمىزنىڭ بىرلىك ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرەيلى، بىر - بىرىمىزگە بولغان ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتەيلى، شەرقىي تۈركىستاندا ئېزىلىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ چىكىۋاتقان دەرت - ئەلەم ، جاپا - مۇشەققەتلىرىنى، زۇلۇملىرىنى، ئۆزىمىز كۈندۈلۈك ھاياتىمىزدا پىكىرلىشىش ئارقىلىق، شۇ يەرگە بولغان ھىسداشلىقىمىز تېخىمۇ كۈچەيسۇن، ھىس تۇيغۇلىرىمىز تېخىمۇ ئۇلغايسۇن دېگەن ئاساستا مۇشۇ شەكىلدە بىز پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىمىز.
ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ
www.maarip.org