ئەلجەزىرە تىلىۋېزىيەسى ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىفتار پروگراممىسىنى زىيارەت قىلدى
22-08-2009
مۇبارەك رامىزان ئېيى يېتىپ كېلىشى بىلەن پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا ئوخشاش ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ رامىزان ئېيىنى قىزغىن كۈتىۋالدى ۋە جۈمە كۈنى يەنى رامىزاننىڭ بىرىنچى كۈنى يۈزلەرچە ئائىلە بىر يەرگە جەم بولۇپ قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە بىرلىكتە ئىفتار قىلدى. 2009 - يىلى 8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 500 گە يېقىن ئائىلە باللىرى بىلەن جۈمە كۈنى رامىزاننىڭ بىرىنچى كۈنى زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەت زالىغا يىغىلىپ بىرلىكتە ئىفتار قىلدى. ئىفتار پروگراممىسىغا، مەركىزى قاتارغا جايلاشقان دۇنياغا مەشھۇر "ئەلجەزىرە "تېلىۋىزىيەسنىڭ تۈركىيىدىكى مۇخبىرلىرى كەلگەن بولۇپ ئىفتار پروگراممىسىنى تېلىۋېزىيەگە ئالدى. ئىفتار جەرىياندا ئىفتار قىلغۇچىلارغا ۋە ئەلجەزىرە تېلىۋىزىيەسى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر، ئۇيغۇرلار ھەققىدە شەرقىي تۈركىستان ۋە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ھەققىدە شېئىر دېكىلىماتسىيە قىلدى، نوتۇق سۆزلىدى، ناخشا ئوقۇدى. قۇرئان ئوقۇپ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە شەھىد بولغان قېرىنداشلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلدى.
سىنئالغۇنى كۆرۈش ئۈچۈن بۇ فىلاش قويغۇچنى چۈشۈرۈپ كومپىيوتېرىڭىزغا يۈكلەڭ
ئەلجەزىرە تېلىۋېزىيەسى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە تەپسىلى خەۋەر تارقاتقاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ قىزىقىپ، بۇ يىل رامزان ئېيىنىڭ 1 - كۈنىدىكى پروگراممىنى مەخسۇس شەرقىي تۈركسىتانلىقلار ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنىڭ جەم بولۇپ ئىفتار قىلغان پائالىيەتنى تېلىۋېزىيەگە ئالدى. ئىفتار قىلغۇچىلاردىن ئەرەبچە بىلىدىغان ياشلار مۇخبىرنىڭ سوئاللىرىغا بىر - بىرلەپ جاۋاپ بەردى. مۇخبىر ئۇيغۇر ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ يۈرگىزىۋاتقان سىياسەتلىرى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا شەرقىي تۈركىستانلىق ئەرەبچە بىلىدىغان ياشلار تەپسىلى جاۋاب بەردى.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەشۋىقات بۆلۈمى
www.maarip.org