ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلدى
2009 - يىلى 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشقا ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرى بولۇپ 400 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
نامايىشچىلار قوللىرىدا ئۈرۈمچىدىكى قانلىق ۋەقەدە ئۆلۈپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىملىرىنى ۋە تۇتقۇن قىلىنغانلار قويۇپ بېرىلسۇن، شەرقىي تۈركىستان كۆيىۋاتىدۇ. قاتىل خىتاي شەرقىي تۈركسىتاندىن چىقىپ كەت! ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك! دېگەندەك چوڭ خەتلەر يېزىلغان ۋىۋىسكا تاختىلارنى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، قاتىل خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ ، ياشىسۇن مۇستەقىل شەرقىي تۈركسىتان! ھەق - ھوقۇق ئادالەت ئۇيغۇرلارغا ھۆررىيەت ! ئۈرۈمچىگە سالام، قارشىلىشىش داۋام دېگەندەك شوئار توۋلاش بىلەن خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا يىقىنلاپ كەلمەكتە.
نامايىشچىلار خىتاي كونسۇلخانسىغا بېسىپ كىرىشكە ئورۇندى، ساقچىلارنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشىغا ئۇچرىدى. نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا تونۇقۇش يۈز بەردى، نامايىشچىلار ساقچىلارنى ئىتتىرىپ خىتاي كونسۇلخانسى دەرۋازىسى ئالدىغا يېقىنلاپ كەلدى ئەمما نامايىشچىلارنى كونتىرول قىلالمىغان ساقچىلار ئاخىرى نامايىشچىلارغا قارىتىپ ياش ئاققۇزۈش بومبىسى ئاتتى، ياش ئاققۇزۈش بومبىسىنىڭ تەسىرگە ئۇچىرىغان نامايىشچىلار ساقچىلارنى بۆسۈپ ئۆتەلمىدى ۋە خىتاي بايرىقىغا ئوت ياقتى. ساقچىلار نامايىشچىلارنى قايتىپ كېتىشكە چاقىرىدى،
ئۈسىتى كىيىملىرىنى سېلىۋىتىپ بەدەنلىرىنى قىزىل رەڭ بىلەن بويۇۋالغان 4 نەپەر نامايىشچى قوللىرى باغلانغان ھالەتتە نامايىشچىلارنىڭ ئالدىدا ماڭدى. ئىككى نەپەر ياش خىتاي كونسولخانىسىنىڭ تېمىغا چىقىپ ئاي يۇلتۇزلۇك كۆك بايراقنى قادىدى.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە ياشلار تەشكىلاتى باشلىقى تىبەت يۈجەتۈرك قاتارلىق 5 كىشى خىتاي دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا قارا چەمبىرەك قويدى. تۈركىيىدە قاراچەمبىرەك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر ئۈچۈن قويىلىدۇ.
نامايىش ئاخىرىدا نامايىشچىلار شەرقىي تۈركىستاندا خىتايلار تەرىپىدىن شەھىد قىلىنغان قېرىنداشلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلدى، تۈرمىگە سۇلانغانلارغا سەبىر تاقەت ۋە ئائىسلىگە خاتىرجەملىك تىلىدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازات بولىشى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ زۇلۇم ۋە زوراۋانلىقتىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ يىغلاپ نالە قىلدى.
تۇۋەندىكى سىنئالغۇدىن نامايىش جەرىيانىنى كۆرەلەيسىز.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى تەشۋىقات بۆلۈمى
www.maarip.org