'قۇرئان سايىسىدا' ناملىق كىتاب نەشىر قىلىندى
2009-06-10
يېقىندا 'قۇرئان سايىسىدا' ناملىق كىتاب سۇتۇق بۇغراخان مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىندى. بۇ كىتاب مىسىرلىق يازغۇچى سەيىد قۇتۇبنىڭ 30 پارە قۇرئان كەرىمنىڭ كېڭەيتىلگەن شەرھىيلىك تەپسىر كىتابى بولۇپ كىتابنىڭ بىرىنچى پارىسىنى ئۇيغۇر زىيالىي مىركامىل قەشقىرى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان ۋە ئايرىم بىر كىتاب شەكلىدە نەشىرگە تەييارلاپ نەشىر قىلىنغان. 265 بەتلىك بۇ كىتابنىڭ بېشىغا كىرىش سۆز، مۇقەددىمە ۋە مۇئەللىپ سەيىد قۇتۇبنىڭ تەرجىمىھالى بېرىلگەن.
ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ كىتابقا قولاي ئېرىشىشى ئۈچۈن كىتاب جەمئىيىتىمىز تور بېتىدە ئېلان قىلىندى. بۇ كىتابنى ئوقۇشنى خالىغۇچىلار توردىن چۈشۈرۈپ ئوقۇيالايدۇ. توردىن چۈشۈرۈش ئورنى: 'قۇرئان سايىسىدا' ناملىق كىتاب
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى تەشۋىقات بۆلۈمى
www.maarip.org