تۈركىيىلىك سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى
پەلەستىن مەسىلىسى بىلەن ئوخشاش دەپ قارىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە نىسبەتەن تۈركلەر قانداق قارايدۇ؟ پەلەستىن مەسىلىسى تۈركىيە كۈنتەرتىپىگە كەلگەندەك شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىمۇ تۈركىيىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كېلەمدۇ؟ بۇ سوئاللارغا جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى نەجمى سادىق ئوغلۇ ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
سۈرەت: ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى نەجمى سادىق ئوغلۇ ئەپەندى
نەجمى سادىق ئوغلۇ پەلەستىن مەسىلىسىگە ئوخشاپ كېتىدىغان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈركىيىنىڭ كۈن تەرتىپىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تەشكىلاتىڭلارنىڭ بىرەر پىلانى بارمۇ؟ دېگەن سۇئالىمىزغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى: ئەلۋەتتە، بىزنىڭ ئىدارە كۆپ تەرەپلىمە شەكىلدە قۇرۇلغان ئورگان بولۇپ 40 دۆلەتتە 150 دىن ئارتۇق تەشكىلاتتىن تەركىپ تاپقان بىر ئورگان، بىزنىڭ ئاساسى مەقسىتىمىز ئىسلام دۇنياسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى كۈزىتىش ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا يول ئىزدەش . بىز ھەر ئايدا بىر قېتىم مەسلىھەت كېڭەش يىغىنى ئاچىمىز، مەسىلەن 1 - ئايدىكى مەسلىھەت كىڭەش يىغىنىدا، پەلەستىن ۋەقەسىنى بەس - مۇنازىرە قىلدۇق، كېيىنكى ئايدا ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە مۇنازىرە قىلدۇق، ئەڭ ئاخىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيا ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىپ ئوتتۇرا ئاسىيانى كۈن تەرتىپكە كەلتۈردۇق، شەرقىي تۈركىستانمۇ بىزنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان خىزمەت دائىرىمىزنىڭ بىر قىسمى، يېقىندىن بۇيان ئۇ يەردىمۇ باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ، نۇرغۇن ئىنسان ھەقلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇقلىرى دەپسەندە بولىۋاتىدۇ، بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئۇ ۋەقەلەرنى ئۇ زۇلۇملارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يولىنى ئىزدەش، بىز بۇ يەردە بۈگۈن پەلەستىن مەسىلىسى ھەققىدە يىغىن ئېچىۋاتىمىز، پەلەستىندە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرگە ئوخشاپ كېتىدۇ، ئۇ يەردىمۇ ئىشغال قىلىنغان زېمىن بار، ئۇ يەردىكى ئىنسانلار زۇلۇم ئىچىدە ياشىماقتا، نۇرغۇن ئىنسانلار ئۇ يەردىن باشقا دۆلەتكە كۆچۈپ كېتىشتەك ۋەقەلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن بىز بىر ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ مەزلۇملارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىمىزنى ھەر قاچان كۆرسىتىش ئۈچۈن بۇ خىلدىكى يىغىنلارنى ئېچىۋاتىمىز، ئاللاھ بۇيرىسا ئالدىمىزدىكى ئايلاردا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە بىر خەلقئارالىق يىغىن ئۇيۇشتۇرىمىز ۋە ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، جەمئىيەتنىڭ كۈنتەرتىپىگە كەلتۈرىمىز. بىز يەنە نەجمى سادىقئوغلۇ ئەپەندىدىن ، بىر قىسىم ئانالىزچىلار شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى، ئۇنتۇلغان بىر مەسلە تۈركىيىنىڭ كۈن تەرتىپىگە كەلمەي قالغان بىر مەسلە دەپ قارىماقتا سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟ دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى: توغرا، مەنمۇ قوشۇلىمەن، ئەمما ئۇنىڭدىنمۇ يېڭى ۋەقەلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ، مەسىلەن پەلەستىندە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە ئوخشاش بىر قانچە چوڭ ۋەقەلەر كۈنتەرتىپكە تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىر ئاز كۈنتەرتىپنىڭ سىرتىدا قېلىۋاتىدۇ. بۇ يەردە ھەممىمىزنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن ۋەزىپە بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەنلەرنىڭ تۈركىيىدە تېخىمۇ بىر جانلىق شەكىلدە پائالىيەت قىلىپ كۈن تەرتىپكە كەلتۈرۈشى كېرەك، بىزلەرنى ھەرىكەتكە ئاتلاندۇرۇش لازىم ، بىزنىڭ تەشكىلاتنىڭ ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارمۇ بار، بىزنىڭ نۆۋەتتىكى پروگراممىمىزدا پەلەستىن مەسىلىسى يىغىنىدىن كېيىن پىلان بويىچە ئىراق يىغىنى بار ئۇنىڭدىن كېيىنكى پروگراممىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە بىر يىغىن ئۇيۇشتۇرۇشنى ئويلىشىۋاتىمىز. نەجمى سادىقئوغلۇ، ئۇيغۇرلارغا يوللىماقچى بولغان بىرەر سۆزىڭىز بارمۇ دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى: ئۇ يەردىكى قېرىنداشلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز، ئۇلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان باستۇرۇش ھەرىكىتى بىزنىڭ ئۈستىمىزدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر ھەرىكەت دەپ بىلىمىز، ئۇلارنىڭ تارتىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى بىزمۇ تارتىۋاتىمىز، ناھايىتى قايغۇ ئىچىدە ياشاۋاتىمىز، ئۇلار بەك ئۇزاق بىر جۇغراپىيىدە ياشىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا بىۋاستە بىر ياردەم قىلالمايۋاتىمىز، ئەمما ئىچىمىزدە قەلبدىن ئۇلار بىلەن بىر ئىكەنلىكىمىزنى ماددى ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىسى ئىكەنلىكىمىزنى سىلەرنىڭ رادىئو ئارقىلىق دېيىشىنى خالايمەن، خۇدايىم بۇيرىسا ئۇلارمۇ خالىغىنىنى دېيەلەيدىغان بىر كۈنلەر كېلىدۇ، بىز ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئىكەنلىكىمىزنى سىلەر ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم تەكرارلايمەن.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى تەشۋىقات بۆلۈمى
www.maarip.org