2009 - يىلى 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تۈركىيە ۋاقتى كەچ سائەت 18 : 00 دە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا بارىن ئىنقىلابىنىڭ 19 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شەھىدلەرنى خاتىرىلەش مۇراسىم ئۇيۇشتۇرۇلدى. مۇراسىم شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ شۆبە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇراسىمغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن نۇرغۇن كىشى ئىشتىراك قىلدى. مۇراسىمنىڭ ئاساسى مەقسىتى، بارىن ئىنقىلابىدا شەھىد بولغانلارنى خاتىرىلەش ۋە بارىن ئىنقىلابىدىن دەرس ئېلىش، بارىن ئىنقىلابى ھەققىدە جەمئىيەتتە تارقالغان خاتا پىكىرلەرگە رەددىيە بېرىشتىن ئىبارەت ئىكەن . مۇراسىم باشلىنىشتىن ئىلگىرى قۇرئان كەرىم تولۇق تاماملىنىپ بارىن ئىنقىلابىدا شەھىد بولغان قەھرىمانلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىندى. مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتۇر ئالىمجان رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مەسئۇللىرىدىن ئابلىكىمخان مەخسۇم، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبە باشلىقى خەيرۇللا ئەپەندى قاتارلىق مەسئۇللار بارىن ئىنقىلابى ۋە بارىن ئىنقىلابىدا شەھىد بولغان قەھرىمانلار ھەققىدە سۆز قىلدى. مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئابلىكىمخان مەخسۇم بارىن ئىنقىلابى ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بۈگۈن بىز بۇ يەردە 1990 - يىلى 4 - ئاينىڭ4 ۋە 5 - كۈنلىرى ۋەتىنىمىزنىڭ بارىن يېزىسىدا شەھىد بولۇپ كەتكەن قېرىنداشلارنى ئەسلەپ ئۆتۈش، شۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا - تىلاۋەت قىلىش ئۈچۈن بۇ يەرگە جەم بولۇپ ئولتۇردۇق. ئۇلارنىڭ شۇ ھەرىكىتى بىزگە بىر نەچچە تۈرلۈك دەرس بېرىدۇ، بىزنى ئاشۇ قېرىنداشلارنى ئەسلەشكە ۋە ئۇلارغا دۇئا قىلىشقا سەۋەپ بولغان نەرسە نېمە؟ بىز ئۇلار بىلەن ئۇرۇق - تۇغقان يېقىن قېرىنداشلاردىن ئەمەس، پەقەت ئىسلامى، دىنى قېرىنداش، نېمە سەۋەبتىن ھازىر بىز شۇلارنى ئەسلەيمىز نېمە سەۋەپتىن خەلق ئۇلار بىلەن پەخىر ھېس قىلىدۇ؟ بىز بۈگۈن بۇ سوئاللارغا جاۋاپ تېپىشقا تىرىشىمىز. ئۇلارنىڭ ئۆلۈمدىن قورقىمايدىغان جاسارەت روھى، ھەققانىيەت ۋە ئادالەت يولىدا ئاللاھ يولىدا مال - مۈلكىنى پىدا قىلغاندىن سىرت يەنە جېنىنى پىدا قىلالىغانلىق بىر مەردانىلىقى بىزنى ئالقىشلاشقا مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ. ئابلىكىمخان مەخسۇم سۆزىدە، بارىن ئىنقىلابىدىكى قەھرىمانلارنىڭ كۈچىنىڭ دۈشمەن كۈچىدىن ئاجىز بولسىمۇ، ئىككىلىنىپ قالماي مەيدانغا چىقىپ جەڭ ئېلان قىلىشى خەلقنىڭ زۇلۇمغا قارشىلىق كۆرسىتىش، ئازاتلىققا ئىنتىلىش ئىرادىسىنىڭ تېخى يوقالمىغانلىقىنى ئىپادىلەش ۋە دۈشمەنگە قارشى تۇرۇشتىن ئۈمىدسىزلەنمەسلىككە ئۈندەش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئابلىكىمخان مەخسۇم سۆزىدە يەنە بارىن ئىنقىلابىدا شەھىد بولغانلار ھەققىدە تارقىلىپ يۈرگەن، ئۆزىنى ئوتقا تاشلىغانلىق، تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغانلىق دېگەندەك خاتا پىكىرلەرگە رەددىيە بېرىپ خىلدىكى قاراشلارنىڭ پەقەت بىر قىسىم قورقۇنچاق، جاھىل، نادان ، ئىنسانلارنىڭ خاتا پىكىرلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئابلىكىمخان مەخسۇم سۆزىدە يەنە بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى جەريانىدا قەشقەر ۋە كۇچادا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ بارىن ئىنقىلابىدىن ئېلىنغان روھى ئىلھامنىڭ نەتىجىسىدە زۇلۇمغا قارشى مەيدانغا چىققان قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئارسلان
مەنبەسى:ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى http://www.rfa.org/uyghur
www.maarip.org