ئىستانبۇلدا "غازى بارات ھاجىنى" خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
2009-03-10
2009 - يىلى 3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇل شەھىرى زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەت يىغىن زالىدا، پۈتۈن ھاياتى بويىچە شەرقى تۈركستاننىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان "غازى بارات ھاجىنى" خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
RFA Photo / Arslan
مۇراسىمغا تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى جالال ئەرباي، زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق شەھەر باشلىقى مۇراد ئايدىن، زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەت مەجلىس ئەزاسى شۇنداقلا شەھەر باشلىقى مەسلىھەتچىسى ئىلياس ساكا، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى دوكتۇر ئەخمەت تۇركوز، شەرقى تۈركىستان ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئىسمائىل چىنگىز، ياۋرۇ - ئاسىيا جەمئىيەتلىرى بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى خىزىربەك غەيرۇللا، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى مەسئۇلى ئابدۇجېلىل تۇران، قازاق تۈركلىرى ۋەخپى باشلىقى دەرۋىش قىلىچ، ئەخمەت يەسەۋى ئىلىم ۋە ئىرپان ۋەخپى باشلىقى ئابدۇراخمان جەۋھەر ، شەرقى تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى باشلىقى تىبەت يۈجەتۈرك، پېشقەدەم ۋەتەنپەرۋەر زاتلاردىن سەلەي ھاجىم ئارتۇشى، مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ئوغلى ئارسلان ئالىپتېكىن قاتارلىق شەخسلەر، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرىستىتىنىڭ تەتقىقاتچى خادىمى ئۆمەر قول ئەپەندى قاتارلىق شەخسلەر ، ئۇيغۇرلارنىڭ دوستلىرى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان تەتقىقاتچىلار ۋە مۇخبىرلار قاتناشتى. مۇراسىمغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر - قازاق ، ئۆزبېكلەردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى. يىغىن زالى مۇراسىم ئىشتىراكچىلىرى بىلەن لىق تولغان بولۇپ، نەچچە يۈز كىشى ئۆرە تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقىنىڭ مەسلىھەتچىسى ئابدۇرەئۇپ ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى، مۇراسىمدا قۇرئان تىلاۋەت قىلىنغاندىن كېيىن، غازى بارات ھاجىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ بىر مىنۇتلۇق سۈكۈتتە تۈرۇلدى كېيىن ئىستىقلال مارشى ئوقۇلدى. مۇراسىمدا شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىدايەتۇللا ئەپەندى ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى. مۇراسىمغا قاتناشقان ھەر قايسى سىياسى پارتىيىلەر ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار مەسئۇللىرى ، ۋەكىللىرى مۇنبەرگە چىقىپ سۆز قىلدى. مۇراسىمدا ئۇيغۇر ۋە تۈرك تىلىدا تەييارلانغان بارات ھاجىنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم تەقدىم قىلىندى. مۇراسىمغا تۈركىيىنىڭ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى، سائادەت پارتىيىسى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى قاتارلىق سىياسى پارتىيىلەرنىڭ زەيتىنبۇرۇنۇ شۆبە باشلىقلىرىمۇ ئىشتىراك قىلىپ سۆز قىلدى. مۇراسىمدا زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق شەھەر باشلىقى مۇرات ئايدىن ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى، "ئەزىز قېرىنداشلىرىم ئالدى بىلەن مۇقەددەس دەۋانىڭ قەھرىمانلىرىنى ئۇنتۇپ قالماي خاتىرلەپ ۋە ئەسلىتىپ مۇراسىم ئۇيۇشتۇرغانلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى چىن قەلبىمدىن قىزغىن تەبرىكلەيمەن. مۇستەقىللىق ئاسان قولغا كېلىدىغان نەرسە ئەمەس، بەدەل ئۆتەشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئاناتولىيە تۈركلرىمۇ بەك كۆپ بەدەل تۆلىدى، چاناققەلئە ئۇرۇشىدا 250 مىڭ شەھىد بەدەل تۆلىدى، كېيىن غازى مۇستاپا كامال ئاتا تۈركنىڭ رەھبەرلىكىدە ئەركىنلىك ئۇرۇشى ئۈچۈن مۇجادىلە قىلىپ، كۆپ بەدەل تۈلەش ئارقىلىق تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقى ساقلىنىپ قالدى، بىز بۇ دۇنيادىن كۆز يۇمۇشتىن ئىلگىرى شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىمىز، ھەم ئۈمىد بىلەن قارايمىز، ئاللاھ بارات ھاجىغا رەھمەت قىلغاي، ئۇنىڭ يولىدا ماڭىدىغانلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىپ بەرگەي". مۇراسىمدا يەنە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى مۇھسىن يازىجىئوغلۇ، ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى قادىر توپباش، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سىيت تۈمتۈرك ئەپەندى ، ئىستانبۇل فاتىخ رايونلۇق شەھەر باشلىقى مۇستافا دەمېر قاتارلىق شەخسلەرنىڭ مۇراسىمغا يوللىغان تېلىگىرافلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. مۇراسىمدا يەنە شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلىرى بارات ھاجىنى مەدھىيىلەپ شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى، يىغىن ئىشتىراكچىلىرى قىزغىن ئالقىشلاپ چاۋاك چالدى. مۇراسىم ئاخىرىدا شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتۇر ئالىمجان تۈركىيە جۇھمۇرىيتى پارلامېنت ئەزاسى جالال ئەرباي ئەپەندىگە مىللى تون ۋە چىمەن دوپپا تەقدىم قىلدى ھەمدە خاتىرە رەسىمگە چۈشتى. مۇراسىم كەچلىك تاماق زىياپىتىدىن كېيىن قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئاخىرلاشتى. بارات ھاجى 1910 - يىلى9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى قەشقەر شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن، 16 يېشىدا شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەسكىرى بولۇپ زالىم ئىستىبدات خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشقا قاتناشقان، 1944 - يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ گېنېرالى بولۇپ خىزمەت قىلغان، كېيىن خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىگە قامالغان، قاراڭغۇ تۈرمىدە 21 يىل ياتقان، ئۇ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن چەتئەلگە چىقىپ، دۇنيانى ئايلىنىپ يۈرۈپ شەرقى تۈركىستاننىڭ داۋاسى ئۈچۈن پائالىيەت قىلغان، 2003 - يىلى ھەج قىلىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارغان ۋە مەككە شەھىرىدە تۇيۇقسىز ۋاپات بولغان، ئاللاھ مەرھۇمنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلغاي، ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغاي. ئارسلان
مەنبەسى:ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى www.rfa.org/uyghur
ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ
www.maarip.org