سائادەت پارتىيىسىنىڭ ئىستانبۇلدا ئېچىلغان يىغىنىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى
04.03.2009
تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە 2009 - يىلى3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى يەرلىك سايلام ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇ سايلامدا تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەر، ۋىلايەت، ناھىيە باشلىقلىرى قايتىدىن سايلىنىدۇ. بۇ سايلامغا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن تەستىقلانغان ھەر قايسى سىياسى پارتىيىلەر ئۆزلىرىنىڭ نامزاتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىر تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە پۈتكۈل سىياسىي پارتىيىلەر ئۆزلىرىنىڭ قوللىغۇچى لىرىنى كۆپەيتىش، سايلامدا كۆپ ئاۋازغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھەر خىل سىياسىي پائالىيەتلەرنى باشلىۋەتتى. 2009 - يىلى 28 - فېۋرال كۈنى تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ پارتىيىسىدىن بىرى ھېسابلانغان سائادەت پارتىيىسى ئىستانبۇل ياشلار تەشكىلاتى تەرىپىدىن زەيتىنبۇرنۇ رايونىغا جايلاشقان ئابدى ئىپەكچى تەنتەربىيە زالىدا كەڭ كۆلەملىك يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلدى. يىغىنغا "سائادەت پارتىيىسى ياشلار كېچىسى"دەپ نام بېرىلگەن بولۇپ، يىغىنغا تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلەردىن كەلگەن 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى . يىغىن زالىغا پاتمىغان مىڭلىغان شەخس ئاياقتا تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، يىغىنغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان كۆپ ساندا ئۇيغۇرلارمۇ ئىشتىراك قىلدى.
بۇ يىغىننىڭ ئاساسىي مەقسىتى ، 1997 - يىلى 28 - فېۋرال كۈنى تۈركىيىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن رىفاھ پارتىيىسىنىڭ ھۆكۈمىتى تۈركىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇۋېتىلگەن ۋە رىفاھ پارتىيىسىگە چەكلىمە قويۇپ تاقىۋېتىلگەن تارىخىي كۈننى ئەسلەش، شۇنداقلا 3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تۈركىيىنىڭ پۈتكۈل شەھەرلىرىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان يەرلىك سايلامدا سائادەت پارتىيىسىنىڭ ئىستانبۇل شەھەر باشلىقلىقىغا نامزات كۆرسىتىلگەن شەخسنى سايلامدا ، كۆپ ئاۋازغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن كۆپلىگەن خەلق ئاممىسىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىش ئىكەن. يىغىندا سائادەت پارتىيىسىنىڭ رەئىسى پروفېسسور دوكتۇر نۇمان قۇرتۇلمۇش، سائادەت پارتىيىسى تەرىپىدىن ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن پروفېسسور دوكتۇر مەھمەت بەكارئوغلۇ، تۈركىيىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ۋە مىللى كۆرەش تەشكىلاتىنىڭ روھانى لىدىرى، سائادەت پارتىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى پروفېسسور دوكتۇر نەجمىدىن ئەرباكان قاتارلىق شەخسلەر سۆز قىلدى. 1997 - يىلى تۈركىيىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان رىفاھ پارتىيىسىگە چەكلىمە قويۇلۇپ ئارمىيە تەرىپىدىن تاقىۋېتىلگەندىن كېيىن، مەزكۇر پارتىيىنىڭ نەجمىدىن ئەرباكان قاتارلىق ئاساسى قاتلام ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرى سائادەت پارتىيىسىنى قۇرۇغان ۋە ھازىر بۇ پارتىيىنىڭ بايرىقى ئاستىدا سىياسىي پائالىيەت قىلىپ كەلمەكتە. ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ بۇ خىلدىكى سايلامدا ئۆزلىرىنىڭ بىر كىشىلىك رولىنى ئوينايدۇ. ئۇنداقتا ئۇلار سايلامدا قايسى پارتىيىگە بىلەت تاشلايدۇ؟ ئۇلار بىلەت تاشلىغان پارتىيىدىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن بىز بۇ يىغىنغا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
مەنبەسى:ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى www.rfa.org/uyghur
ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ
www.maarip.org