ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش
10-01-2009
5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى مۇناسىۋېتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار نامايىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. جۇملىدىن تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى ئۇنتۇپ قالمىدى. 2009- يىلى 8 -فېۋرال يەكشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر - قازاقلار ، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيتى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيتى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى، مەركىزى قەيسىرىگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى ئەنقەرە شۆبىسى قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان ئىجتىمائى تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قازاقلاردىن ئىستانبۇل، ئەنقەرە ۋە قەيسىرى شەھەرلىرىدىن كەلگەن 200 دىن ئارتۇق كىشى خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تورۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش پائالىيتى ئېلىپ باردى. نامايىشقا ئۇيغۇرلارنىڭ دوستلىرى، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان شەخسلەر بولۇپ كۆپ ساندا تۈرك قېرىنداشلارمۇ ئىشتىراك قىلدى.
بۈگۈن ئىستانبۇلدا ھاۋا سوغۇق، قاتتىق يامغۇر ياغقان بولۇپ، كۈچلۈك شامالغا دۈچ كەلگەن نامايىشچىلار قىيىن ئەھۋالدا قالغان بولسىمۇ ، كەيپىياتلىرى ناھايىتى قىزغىن ئىدى. نامايىشچىلار قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق كۆتۈرىۋالغان بولۇپ، بەزى نامايىشچىلار قوللىرىدا، "شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭدۇر، بىزنىڭ بولىدۇ" ، "تۈركىيە ئانا يۇرتۇڭغا ساھىب چىق" ، " بارىن، خوتەن، غۇلجا ۋەقەلىرىنى ئونۇتمىدۇق، ئونۇتمايمىز" ، " فاشىسىت خىتاي"، "ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك"،" يا ئىستىقلال يا ئۆلۈم"، "بۇۋاق قاتىلى خىتاي" بىز تېررورچى ئەمەس" ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻫﻪﻗﻘﯩﻤﯩﺰ، ﺯﯗﻟﯘﻣﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺰ" دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر يېزىلغان ۋىۋىسكا - تاختىلارنى ئىگىز كۆتۈرگەن ھالدا خىتاي كونسۇلخانا ئالدىغا يېقىنلاپ كەلدى.
نامايىشچىلاردىن بىر قانچە ياشلار باشلىرىغا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى تېڭىپ، كىپەن كېيىۋالغان بولۇپ، بۇ كۆرۈنۇش ئاخباراتچىلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى. نامايىشچىلار، "شىنجاڭ ئەمەس شەرقىي تۈركىستان"، "تېرروچى قىزىل خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت"، "شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك"دېگەنگە ئوخشاش شۇئالار توۋلىدى. نامايىش جەرىيانىدا شەرقىي تۈركىستان ئىجىتىمائىي تەشكىلات مەسئۇللىرى ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺴﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍ ﭼﻪﻣﺒﯩﺮﻩﻙ ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﺪﻩ ﻗﺎﺭﺍ ﭼﻪﻣﺒﯩﺮﻩﻙ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﻪﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯗ. ﻗﺎﺭﺍ ﭼﻪﻣﺒﯩﺮﻩﻙ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ چوڭ ھەجىمدە قىزىل رەڭ بىلەن "شەرقىي تۈركىستان" دېگەن خەت يېزىلغان ئىدى. ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺗﭽﯩﻼﺭ، ﺭﺍﺩﯨﺌﻮ - ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﯩﺸﺘﯩﺮﺍﻙ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﺪﻯ. ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ نامايىشىچىلاردىن كۇرشاد ئەپەندى "غولجا قەتلىئامى"دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. نامايىش جەرىيانىدا خىتاي كونسولخانا ئىچىدىن بىر قانچە خىتاي ئۆزلىرىنى كۈنلۈك بىلەن دالدا قىلىپ نامايشچىلارنى كۈزەتتى ۋە رەسىمغا تارتتى.
ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ
www.maarip.org