جەمئىيىتىمىز مەركىزىدە، 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى" نىڭ 12 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى
10-01-2009
2009 - يىلى 1 - فېۋرال يەكشەنبە كۈنى تۈركىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى جەمئىيەت مەركىزىدە ، 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 12 يىللىقىنى خاتىرلەپ مۇراسىم ئۆتكۈزدى. مۇراسىمغا جەمئىيەت مەسئۇللىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. مۇراسىم باشلىنىشتىن ئىلگىرى خەتمە تىلاۋەت قىلىنىپ 30 پارە قۇرئان تولۇق تاماملاندى. مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتۇر ئالىمجان رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش نازىرى ئابلىكىمخان مەخسۇم ھاجىم قاتارلىق مەسئۇللار 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى" ھەققىدە سۆز قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئەپەندى، " غۇلجا ۋەقەسى " ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: "مۆھتەرەم قېرىنداشلار غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرلەش ياكى ۋاپات بولغان شەخسلەرنى خاتىرلەش ، بىرەر ھەرىكەت - پائالىيەتنى ئۈلگە كۆرسەتكەن ۋەقەلىكنى ئەسلەش ۋە خاتىرلەش مەسىلىسى دۇنيادا ئادەتكە ئايلانغان بىر پائالىيەت. بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان تۈركىستانلىقلار غۇلجا ۋەقەسىگە ئوخشاش ھەر خىل ۋەقەلەرنى خاتىرلەش پروگراممىسى ئۆتكۈزىۋاتىدۇ ۋە ياكى ئۆتكۈزمەكچى. ئادەتتە بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنى ئىنسانلار، تەشكىلاتلار، تەشكىلاتنىڭ توختاپ قالماسلىقى، ۋە پائالىيەتلىرىنىڭ جانلىنىشى ئۈچۈن ۋەياكى مەقسەت قىلىنغان سىياسىي دەۋادا مەلۇم بىر نىشاننى كۆزلەپ، تۈركىستان داۋاسىنى دۇنيا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشتە ياردەمچى بولىدۇ دېگەن كۆز قاراشتا بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنى داۋاملىق ئۆتكۈزۈپ تۇرىدۇ". ھىدايەتۇللا ئەپەندى بۈگۈنكى خاتىرىلەش مۇراسىمنىڭ ئاساسى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "بىزنىڭ بۇ قېتىمقى مۇراسىمنىڭ ئاساسىي مەقسىتى، غۇلجا ۋەقەسىدىن دەرس ئېلىش، ئۇ بولسىمۇ ، مۇجادىلە قىلىشنىڭ مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى غۇلجا ۋەقەسىدە شېھىت بولغانلار ۋە تۈرمىگە قامالغانلار ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئۈلگە كۆرسەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ھەقىقى ئەركەك ۋە بىزگە ئۈلگە بولالايدىغان بىر رەھبەر ئىكەنلىكىنى قەلبىمىزدە يېڭىلاشتىن ئىبارەت. بىزنىڭ شۇ غۇلجا ۋەقەسىدە شېھىت بولغان قېرىنداشلىرىمىزغا رەھمەت تىلەش ، ئائىلە - تاۋابىئاتىغا سەبىر ئىستىقامەت تىلەش ئارقىلىق شۇ پائالىيەتنىڭ روھىنى قەلبىمىزدە تىرىك تۇتۇش، بۇ مۇجادىلىنىڭ قىلغىلى بولىدىغان بىر مۇجادىلە ئىكەنلىكىنى ئۆگىنىش، ئۇلار ھەقىقەتەن بىزگە ئۈلگە بولالايدىغان رەھبەر ئىكەنلىكىنى قەلبىمىزدە يېڭىلاشتىن ئىبارەت".
مۇراسىمدا يەنە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش نازىرى ئابلىكىمخان مەخسۇم ھاجىم غۇلجا ۋەقەسى ھەققىدە سۆز قىلىپ، غۇلجا ۋەقەسىنى خىتاينىڭ ناتوغرا سىياسىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق كۆرسىتىش نامايىشى دەپ باھا بېرىش بىلەن بىرگە، جەمئىيەتتىكى كىشىلەر ئارىسىدا نامايىش قىلىش ئىسلام دىنىدا توغرا ئەمەس، نامايىشقا قاتناشماسلىق لازىم دېگەندەك پىتنە - ئىغۋا تارقاتقۇچىلارغا رەددىيە بېرىپ، ئىسلام دىنىدا نامايىش قىلىشنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى دەلىل ئىسپات كۆرسىتىش ئارقىلىق ئىسلام دىنى نامايىش قىلىشتىن چەكلىمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئابلىكىمخان مەخسۇمھاجىم سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ جاسۇسلىرى كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ ، نامايىش قىلىش ئىسلام دىنىدا توغرا ئەمەس دېگەنگە ئوخشاش پىتنە - ئىغۋالارنى تارقىتىشى، خىتايغا قارشى ھەرىكەت - پائالىيەتلەردىن توسۇپ قېلىش مەقسىتىدە تارقىتىۋاتقان ئورۇنسىز، سەپسەتە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. مۇراسىم ئاخىرىدا، غۇلجا ۋەقەسىدە شېھىت بولغان شەخسلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلغاندىن باشقا يەنە غۇلجا ۋەقەسىدە تۈرمىگە قامالغان شەخسلەرگىمۇ سەۋرچانلىق ۋە سالامەتلىك ، ئائىلىسىگە خاتىرجەملىك تىلەپ دۇئا قىلىندى.
ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ
www.maarip.org