ﻳﺎﻟﺘﺎﺩﯨﻦﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﯓ - ﺗﻮﺯﺍﯕﻼﺭ
05-01-2009
ﺳﯩﺪﯨﻘﻬﺎﺟﻰﺭﻭﺯﻯ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﯞﺍﺷﯩﻨﮕﺘﻮﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ شەرقى تۇركىستاندا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار، ياۋروپا ۋە ئاسىيانى بۆلگەن 1945 - يىلىدىكى يالتا يىغىنىدىكى " بۇيۈك كۈچلەر" سىياسىتى تەرىپىدىن سەل قارىلىپ تاشلىۋېتىلگەن خەلقتۇر. ئامېرىكا رەئىسى گېئورگى ۋ. بوش 2005 -يىلى 6. ماي كۈنى لىتۋانىيەنىڭ رىگا شەھىرىدە دېگىنىدەك " يالتا يىغىنى تارىختىكى ئەڭ زور خاتا " ئىدى. گەرچە تارىخ، ئوتتۇرا ۋە شەرقى ياۋروپانىڭ سوۋېت دىكتاتورلۇغىنىڭ تەسىرى ئاستىغا تاشلاپ قويۇلۇشتەك خاتاسىنى تۈزەتكەن بولسىمۇ،ئۇيغۇرلار چېكىۋاتقان زۇلۇم خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ دىكتاتورلۇغى ئاستىدا تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ۋە كۆپۈنچە بىلىنمىگەن خىيانەت ئاڭلىتىشقا لايىقتۇر. ئا. ق. ش تەرىپىدىن بېرىلىدىغان قىسمەن تۆلەم : گۇئانتانامودىكى - گېئورگى بوشنىڭ "ئۇلارنىڭ ھېچبىرى دۈشمەن جاسۇسى ئەمەس" دېگەن ئېتىراپىغا قارىماستىن، ناھەق تۇتۇلۇۋاتقان 17 ئۇيغۇرنىڭ ئەركىن قويۇپ بېرىلىشى بىلەن تۆلىنىشى مۇمكىن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى - ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خىتاي تەرىپىدىن شىنجاڭ - يەنى "يېڭى يەر" دەپ ئاتىلىدىغان بىر بۆلۈمىدۇر. 19- ئەسىرنى رۇس ۋە ئىنگىلىز ئىمپىراتورلۇقلىرىنىڭ قورچىقى بولۇپ ئۆتكۈزدى.پات-پات ئىشغالىيەتچىلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان قوزغىلاڭلىرى نەتىجىسىدە 1944 - يىلى قىسقا مۇددەتلىك بولسىمۇ مۇستەقىل شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرالىدى. ئەمما سوۋېت دېكتاتورى جوزېف ستالىن ك گ ب ئارقىلىق ياش جۇمھۇرىيەتنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈۋالدى. كېيىن يالتا يىغىنىنىڭ تۆرەلمىسى بولغان 1945 - يىلى 14 - ئاۋغۇستتىكى خىتاي - رۇسىيە كېلىشىمنى ئىمزالاش ئارقىلىق مۇستەقىل شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خىتايغا سېتىۋەتتى. ئا ق ش مۇ بۇ ئارقىلىق جاڭ كەيشىنى ماۋ زەدوڭغا قارشى كۈچلەندۈرەلەيدىغانلىق خام خىيالى بىلەن بۇنى لام - جىم دېمەستىن قوبۇل قىلدى. ئا ق ش بۇ چاغلاردا سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئۇزاق شەرقتىكى ئۆز سىياسەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىشتىكى تەييار بىر شېرىك دەپ قارايتتى. 1945 - يىلىدىكى سودىدىن كېيىن 1950 - يىلى 14 - يانۋاردا ستالىن بىلەن ماۋ موسكوۋادا سوغۇق ئۇرۇش جەريانىدا، مۇستەقىل ئۇيغۇر دۆلىتى چۈشەنچىسىنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرغان خىتاي - رۇسىيە شەرتنامىسىنى ئىمزالىدى. رەئىس ماۋ زەدۇڭنىڭ بۇ ئارىدا " شىنجاڭ بىر مۇستەملىكىدۇر - خىتاي مۇستەملىكىسىدۇر " دىگەنلىكى مەلۇمدۇر. 1989 - يىلى بېرلىن تەمى ئۆرۈلگەندىن كېيىن ئوتتۇرا ۋە شەرقى ياۋروپا سوۋەتلەرنىڭ تۆمۈر پەنجىسىدىن قۇتۇلدى. 1991 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى تامامەن پارچىلانغاندىن كېيىن ئېستونىيە، لىتۋانىيە. لاتۋىيە، ئۇكرائىنا، گۇپىيە، ئەرمەنىستانلار مۇستەقىللىققە ئېرىشتى ۋە شۇ قاتاردا ئازەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان قاتالىق تۈركى خەلقلىرىمۇ مۇستەقىللىقلىرىنى ئېلان قىلدى. ئۇيغۇرلار ئەينەن غەربى تۈركىستان ۋە كاۋكازىيەدىكى قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش ئۆزلىرىگىمۇ مۇستەقىللىق نۆۋىتى كەلگەنلىكىگە ئىشىنەتتى. 1990-يىلى 4-ئايدا بارىن ئىنقىلابنى باشلىدى.بۇنىڭغا ئەگىشىپ 1995 - يىلى خوتەندە تىنچلىق بىلەن نامايىش ئەلىپ بېرىلدى. 1997 -يىلى ئۇيغۇرلار غۇلجا شەھىرىدە مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىپ تىنچ نامايىش ئېلىپ باردى. خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ نامايىشنىمۇ ۋەھشى ئۇسۇل بىلەن باستۇردى ۋە 407 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە مىڭلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتى تۇتقۇن قىلدى ۋە نۇرغۇنلىرى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى. تىيەن ئەنمىن ۋەقەسىمۇ بۇنىڭ ئالدىدا ھېچقانچە ئىش بولمىغاندەك قېلىپ قالدى. ئا ق ش نىڭ مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ياردىمى بىلەن ئۇيغۇرلارغا قارشى زۇلۇم 1997 - يىلىدىن كېيىن تېخىمۇ كۈچەيدى.2001 - يىلى ئامېرىكا "شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى"نى - "تەروسىست ھەرىكەت" دەپ ئېلان قىلدى. خىتاي ھاكىمىيىتى " خەلقئارا تېرورىزىمغا قارشى مۇجادەلە" باھانىسى بىلەن ئىلھاملىنىپ، ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ مىللى مەدەنىيىتىنى، تىلىنى ۋە دىنىنى يوقۇتۇشقا كىرىشتى. ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنى تېرورىست تۆھمىتى بىلەن قولغا ئالدى ۋە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى. ئۇيغۇر تىلى مەكتەپلەردە ۋە رەسمى ئورگانلاردا ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ئەدلىيە نازىرى روزى ئىسمائىلنىڭ خەلق قۇرۇلتىيىدا ئۆتكەن 5 يىل ئىچىدە 1،000 دىن ئارتۇق سىياسى ئەنزە يۈزبەرگەنلىكىنى ۋە 15.000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ ئۆلۈم جازاسى ياكى ھەر خىل شەكىلدىكى ئەغىر قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بايان قىلدى. 2002.يىلىدىن ئېتىبارەن خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر قىزلىرىنى مەجبۇرى ، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشكە باشلىدى.2007- يىلى يۆتكەپ كېتىلگەنلەرنىڭ سانى1.5 مىليوندىن ئىشىپ كەتتى. بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى خىتاي مىللىتى كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيدىغان تىيەنجىن ، شەندۇڭ، جياڭسۇ قاتارلىق ئۆلكىلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.بۇلار ئەرزان ئىشچى كۈچى سۈپتىدە ئىشلىتىلدى.ئەينى زاماندا خىتاي ھاكىمىيىتى ئىرقىي تازىلاش رەزىل مەقسىتىگە يىتىش ئۇچۇن،خىتاي كۆچىمەنلىرىنى شەرقىي تۇركىستانغا كۆپلەپ كۆچۆرۇپ كەلدى.ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كۆپىيىپ كېتىۋاتقان قەرزىنى ۋە ئىقتىسادى كۈچىنى ھالاكەتكە ئۇچراتماسلىق ئۇچۇن، بۇلارغا قارشى ئىنكاس بىلدۈرمىدى. ئۇيغۇرلار ئامېرىكىنىڭ سىلوبان مىلىسوۋىچ تەرىپىدىن زۇلۇمغا ئۇچرىغان كوسوۋا خەلقىي ئۇچۇن قىلغىنىدەك، ئۆز ھەق-ھوقوقلىرىنى قوغداش ئۇچۇن تەھدىت ياكى قورال كۈچى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغىنى يوق. سىربىستان خىتايغا ئوخشاش بىر خەلتئارالىق دۆلەتمۇ ئەمەس ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر خەۋىپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئەزاسىمۇ ئەمەس ئىدى. ئامما ئامېرىكا ئازراق جاسارەت كۆرسىتىپ ئۇيغۇرلارغا قارشى خىتاي يۇرگىزىۋاتقان بۇ زۇلۇم توغرۇلۇق نارازىلىقىنى بىلدۇرەلەيتى. ھازىر 17 ئۇيغۇر 7 يىلدىن بۇيان گوئانتانامۇدا ناھەق تۇتۇپ تۇرىلىۋاتىدۇ. ئامېرىكا ئالىي سوتى قارا چىقىرىپ ، بۇلارنىڭ ناھەق تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقانلىغى توغرۇلۇق قارار چىقارغاندىن كىيىن ئامېرىكا ۋىلايەت سوتچىسى رىچارد ئوربىنا ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىلىشى ھەققىدە قارا چىقاردى. ئۆلۈم ۋە قىيىن-قىستاققا دۇچار بولۇش خەۋپى بولغانلىغى ئۇچۇن ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇش ئامېرىكا قانۇنىغا خىلاپتۇر. ئەمما ئوربىنانىڭ قارارى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى مۇئاراجات مەھكىمىسى كولۇمبىيە شۆبىسى تەرىپىدىن رەت قىلىندى. شۇنداق بولسىمۇ بۇ دەرت -ئەلەم ئاخىرلىشىشى كېرەك ئىدى. ئامېرىكىنىڭ رەئىسلىك سايلىمىنى ئۇتقان باراك ئوبامانىڭ ، ئوز ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ ياكى ئامېرىكا مەجلىسى قارار چىقىرىپ 17 گۇناھسىز ئۇيغۇرنىڭ ئامېرىكىغا قويۇپ بىلىشى ئۇچۇن رۇخسەت بېرىشى لازىم. ئەركىنلىك ھەيكىلىنى ، ئەركىنلىك ئىستىگەنلەرنى ئەركىنلىككە ئىرىشتۇرۇشتىن باشقا ، قانداق شان-شەرەپكە ئىگە قىلالايمىز؟
www.maarip.org