20-01-2009
تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە 2009 - يىلى 29 - مايدا يەرلىك سايلام بولىدۇ، بۇ سايلامدا تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەر، ۋىلايەت، ناھىيە باشلىقلىرى قايتىدىن سايلىنىدۇ. بۇ سايلامغا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن تەستىقلانغان ھەر قايسى سىياسى پارتىيىلەر ئۆزلىرىنىڭ نامزاتلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
ھازىر تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە پۈتكۈل سىياسىي پارتىيىلەر ئۆزلىرىنىڭ قوللۇغۇچىلىرىنى كۆپەيتىش ، سايلامدا كۆپ ئاۋازغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھەر خىل سىياسىي پائالىيەتلەرنى باشلىۋەتتى.
سۈرەتتە: شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئەپەندى، زەيتىنبۇرنۇ رايۇنلۇق شەھەر باشلىقىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى ئىلياس ساكا ئەپەندى، زەيتىنبۇرنۇ رايۇنلۇق مائارىپ كۆمتېتى باشلىقى مەمەت قارانجى ئەپەندى بىلەن يىغىندا.
2009 - يىلى 24 - يانۋار شەنبە كۈنى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھرى زەيتىنبۇرنۇ رايونىغا قاراشلىق زەيتىنبۇرنۇ تەنتەربىيە زالىدا تۈركىيىنىڭ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىسىنىڭ چوڭ يىغىنى ئېچىلدى. يىغىننى تۈركىيىنىڭ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىسى زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسى ئۇيۇشتۇردى. بۇ يىغىنغا 10 مىڭغا يېقىن كىشى قاتناشتى. يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى ، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيسى، قازاق - تۈرك فوندى قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ سەپەرۋەرلىك قىلىشى بىلەن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قازاقلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى.
بۇ يىغىننىڭ ئاساسىي مەقسىتى ، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق شەھەر باشلىقلىق نامزاتنى سايلامدا ، كۆپ ئاۋازغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن قوللۇغۇچىلىرىنى كۆپەيتىش ئىكەن.
يىغىندا ، ھازىر زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق شەھەر باشلىقى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان شۇنداقلا ئالدىمىزدىكى سايلامدا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى تەرىپىدىن زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق شەھەر باشلىقلىق نامزاتلىقىغا قايتا بەلگىلەنگەن مۇراد ئايدىن ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۆتكەن بەش يىل جەريانىدا زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا ئېلىپ بارغان خىزمەت نەتىجىلىرىنى دوكلات قىلدى.
ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ بۇ خىلدىكى سايلامدا ئۆزلىرىنىڭ بىر كىشىلىك رولىنى ئوينايدۇ. ئۇنداقتا ئۇلار قايسى پارتىيىگە بىلەت تاشلايدۇ؟ ئۇلار بىلەت تاشلىغان پارتىيىدىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ؟ بۇ سوئاللارنى جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن بىز ئىستانبۇلىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
www.maarip.org