05-01-2009
غەززە دىكى پاجىئەگە قارىتا دۇنيا جامائەتچىلىگىنىڭ ۋىجدانسىزلارچە سۇكۇت قىلىشىنى قاتتىق ئەييپلەيمىز!
غەززە خەلقى 10 كۈندىن بىرى ئسرائىلىيە تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ھاۋادىن قىلىنغان ھۇجۇملىرى ئارقىلىق باشلىتىلغان قانلىق باستۇرىشىغا دۇچكەلمەكتە، پەلەستىندە ھازىرغىچە 507 كىشى شېھىد ، 2421 كىشى يارىدار بولدى ، مەسجىدلەر يىقىلدى، ئۆيلەر خارابە، شەھەر ۋەيران بولدى ،ھەر يەردە مەسۇم بالىلارنىڭ جانسىز جىسىملىرى بىلەن بومبا تەسىرىدە پارچىلانغان ئىنسان ئەزالىرى چىچىلىپ تۇرغان، ئىنسانلارنىڭ ھالى پەرىشان، بۇ ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشلەر غەززە خەلقىنىڭ خاتىرىسى ۋە كۆز ئىكرانلىرىدا قىتىپ قالدى.
ئەپسۇسكى ئىنسان ئەۋلادىنىڭ قېنىنى ۋە روھىنى قاتۇرۇپ قويىدىغان بۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋال ئسلام دۇنياسى ۋە رەھبەرلىرىنىڭ ھېسداشلىقى ۋە ياكى ۋىجدانلىرىنى ئويغىتىشقا يەتمىدى. ئىسلام قۇرۇلتېيى تەشكىلاتى ، ئەرەپ دۆلەتلىرى بىرلىكى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش خەلقئارالىق كاتتا تەشكىلاتلار سۈكۈت ئىچىدە تۇرماقتا. ئامېرىكا ئىزچىل ھالدا قانخور بالىسى ئىسرائلىيىگە ئىگە چىقىپ جىنايى قىلمىشلىرىنى قانات ئاستىغا ئالماقتا. ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ تۇتقان پوزىستيىسى بولسا ئۇلارنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا قارشى يوشۇرۇپ كەلگەن ئەزەلى ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىكنى پاش قىلىپ قويدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلار قائدىسى بويىچە مۇشتۇمزور ئۆكتىچى دۆلەتلەرنىڭ ئىشارىتىنى كۈتۈپ سۈكۈتتە تۇرماقتا.
بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئشغالچى خىتاينىڭ پوزىتىيىسى ھەممىمىزگە مەلۇم ، خىتاي ئەزەلدىن بۇنداق مەسىلىلەردە دادىل ۋە ئەستايىدىل سىياسەت تۇتقىنى يوق، خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ ئۇلى مۇناپىقلىق ،ھىلىگەرلىك ۋە مەنپەتپەرەسلىك ئاساسىدا شەكىللىنىپ كەلدى.
دۇنيانى زىلزىلىگە سىلىۋاتقان بۇ پاجىئە توغرىسىدا ھىلىگەر خىتاي زۇۋان سۈرمەي ئۈن-تىنسىز تۇرماقتا. خىتاينىڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىنچىكە ۋە زىل مەسىلىلىرىدىن بىرى بولغان پەلەستىن ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا مەسىلىلەردە داۋاملىق مۇناپىق سىياسىتى ئويناپ كەلدى شۇنداقلا بۇ قېتىممۇ غەززە پاجىئەسىدە ئادىتى بويىچە پوزىتسيە تۇتتى. خىتاينىڭ بۇ نەيرەڭۋازلىقى يىراق-يېقىن زاماندىن تا بۈگۈنلەرگىچە ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆزىنى بوياپ ئويناپ كېلىۋاتقان تاشقى سىياسىتىنىڭ «چەبدەسلىكى »نەتىجىسىدە ئېرىشىۋالغان «مۇسۇلمان دوستى» « ھېچكىمنىڭ ئشىغا ئارلاشمايدىغان » « زەرەرسىز، مۇلايىم» غا ئوخشاش ساختا قىياپىتىنىڭ ئەپتى-بەشرىسىنى ئېچىپ تاشلىدى. ئەمدى ئسلام ئەللىرى خىتاينىڭ بۇ خىل مايمۇن ئويىنىغا ئىشەنمەسلكى كېرەك. خىتاي دۇنيا ۋەزىيىتى قالايمىقانلاشسا خوش بولىدۇ ، چۈنكى خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ ئاساسى مەقىسىتى پۈتكۈل دۇنيانى ئۇرۇشقا سەپ قويۇپ دۇنيا قالايمىقانچىلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي ئورنىنى تىكلەش، ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى كۆپەيتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. خىتاي بىر تەرەپتىن تالىبان ۋە ئەلقائدە تەشكىلاتىنى قۇرال بىلەن تەمىنلەپ، بىر تەرەپتىن ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى بىلەن دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلەردە ھىلىگەرلىك قىلىپ، ئەرەپ ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىگە يالغان دوستلۇق ئىزھار قىلىپ ھىلىگەرلىك سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي بىتەرەپ تۇرۇپ دۇنيا ئەللىرىنى بىر - بىرىگە ئۇرۇشقا سېلىش بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خەلقئارادىكى سىياسىي ئورنىنى تىكلەش، ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
ئۇمۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ، ئامېرىكىنىڭ چەتكە قېقىشى ياكى سىياسى بېسىمىغا دۇچ كەلگەن كۆپلىگەن ئىسلام ئەللىرى ۋە ھاكىمىيەتلىرى دەرھال خىتاينىڭ سايىۋىنى ئاستىغا ئۆزىنى ئېتىپ ھىمايىسىگە ئېرىشىشقا «مۇشەررەپ » بولۇپ كەلمەكتە، بۇ سەۋەپتىن كۆپىنچە ئسلام دۆلەتلىرى ۋە تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئشلەۋاتقان غەيرى ئنسانىي جىنايى قىلمىشلىرىغا كۆز يۇمۇپ، ھەتتا تۈركىستان داۋاسىنىڭ بېسىقتۇرۇلىشى ، داد-پەرياتلىرىمىزنىڭ تەسىرسىز قېلىشىدا ئىنتايىن موھىم رول ئويناپ كەلمەكتە.
خىتاي دۇنيا سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى پۇرسەت بىلىپ دەرھال غۇلاچلاپ ، ئوتتۇرا شەرىق ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلىپ «يېشىل باغچا»كۆرسىتىپ ئۆزىگە جەلىپ قىلىش سىياسىتىنى باشلىۋەتتى، خىتاينىڭ بۇخىل ھىيلە-نەيرەڭلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىسلام دۆلەتلىرى خىتاي پەرەسلىك سىياسىتى تۈپەيلى شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا خىتاي يالماۋۇزلىرىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق زۇلۇم ۋە ئىشكەنجە قىلىشىغا يول ئېچىپ بەردى.
بىر قىسىم كىشىلەر، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىن چىقالماي ئۆزھالىمىز بىلەن ئاران تۇرساق پەلەستىن ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقىلارنىڭ ئىشىغا كۆڭۈل بۆلۈش ئەخمىقانىلىق! ئۇلارنىڭ ئەرىپى بار، يانا بىرىسىنىڭ يانا بىرنېمىسى بار- دەپ قاراپ مەسخىرە قىلىشى ۋە ياكى چوڭ «لۈكچەك» «مۇشتۇمزور» كۈچلەرنىڭ «شەپقەت »سايىسىدىن مەھرۇم قالىمىز دەپ ئەنسىرەپ كايىپ قېلىشى مومكىن، مەسىلىنى دىققەت بىلەن مۇلاھىزە قىلىدېغان بولساق بارلىق مەزلۇم خەلقنىڭ دەرتلىرى ۋە تەقدىرلىرى ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، زالىملار ھەر زامان زالىمنىڭ يېنىدا ئورۇن ئالىدىكەن، تاياق يىگەننى ئۇرۇدىكەن، سەنتۈرۈلۈپ قالغاننى يىقىتىدىكەن.
ئەلۋەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ چېكىۋاتقان زۇلمى پەلەستىن خەلقىنىڭ چېكىۋاتقان زۇلۇمىدىن قېلىشمايدۇ. پەلەستىندە بولىۋاتقان زۇلۇملار دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق مىنۇت سىكونت يېتىپ تۇرىدۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا مىڭلىغان كىشىلەر تۇتۇلۇپ، ئولتۇرۇلۇپ كەتسىمۇ دۇنيا جامائىتىنىڭ خەۋىرى يوق، پەلەستىن خەلقى ئىگە بولغان شەرت - شارائىت ۋە بەزى بىر كەڭچىلىكلەرگە شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىگە ئەمەس. توغرا! بىزنىڭ يارىمىز ھالىمىزدىن كەتكۈزىۋەتتى، زالىملارنىڭ بىر-بىرىگە ئىگە چىىقىپ مەزلۇمنى جىنايەتچى قىلىپ جازالاۋاتقان بۇ دەۋىردە يارىمىز ساقايمىسىمۇ ، دەردىمىز تېشىپ كەتسىمۇ ئالي مەقسەتكە ئىگە كىشىلەرگە خاس بىر خىسلەت بىلەن داۋاملىق مەزلۇمنىڭ تەرىپىدە ۋە توغرىنىڭ سېپىدە ئورۇن ئېلىشىمىز بىزنى ھەقىقەت ئۈستىدە ۋە داۋادا مۇستەھكەم ۋە ئېرادىلىك تۇرىشىمىزغا تۈرتكە بولىدۇ، زۇلۇم نەدە بولسا زۇلۇمدۇر، ئۇ كىم تەرەپتىن قەيەردە ئىشلەنسە جىنايەتتۇر، ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ھەر بىر ۋىجدان ئىگىسىنىڭ مەجبۇرىيتىدۇر.
ئاللاھ نىڭ ياردىمى ھەردائىم مەزلۇملار بىلەن بولسۇن. ئاللاھ ، پەلەستىن خەلقىگە شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا، ۋە شۇنداقلا بارلىق مەزلۇم دىن قېرىنداشلىرىمىزغا يار-يۆلەك بولسۇن. زالىملار يەر بىلەن يەكسان بولسۇن.
ئوغۇز
www.maarip.org