كامبودژا ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۇچۇق بايانات
22-12-2009
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاينىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرى، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان باشقا ساۋاقداشلىرىغا ئوخشاش سەۋەبسىز قامىلىپ ئۆلۈشتىن قۇتۇلۇپ ۋىتنام ئارقىلىق كامبۇدژاغا كەلگەن ئىدى. 2 ئاي ئەتراپىدا كامبۇدژادا سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلىپ تۇرىۋاتقان جەمئىي 22 ئۇيغۇر )ئارىسىدا ئايال ۋە كىچىك بالا بار( ئۇيغۇر ياشلىرى، ب د ت نىڭ مۇساپىرلار سىياسى پاناھلىق ئىشخانسىغا ئىلتىماس قىلدى. بۇ ياشلارنىڭ سىياسىي مۇساپىرلىق سالاھىيىتى ئەنگە ئېلىنغان بولسىمۇ كامبۇدژا ساقچىلىرى 2009 - يىلى 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چارشەنبە كۈنى ئەتتىگەن ۋاقىتتا ب د ت تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇساپىرخانىدىن تۇتۇپ قاماققا ئالدى. بىز جۈمە كۈنى بۇ ئۇيغۇرلارنى كامبۇدژانىڭ خىتايغا قايتۇرۇش ئۈچۈن تەييالىنىۋاتقانلىقىنى خىتايدىن خۇسۇسىي بىر ئايرۇپىلاننىڭ ئۇلارنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنىڭ ئۇچۇرىنى ئالدۇق، ئەمما دۆلەت مىنىستىرلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلار ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىق ھەققىدە كامبودژا بىلەن دىپلوماتىيە خىزمەت ئىشلىگەن بولسىمۇ، كامبودژا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى كېچىكتۇرگەنلىكى ھەققىدە يالغان مەلۇمات بېرىپ، 2009 - يىلى 12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى كەچتە خىتايدىن كەلگەن خۇسۇسىي ئايرۇپىلان بىلەن خىتايغا قايتۇردى. بۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇلماسلىق ھەققىدە دۇنيادىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كامبۇدژا ھۆكۈمىتىگە دىپلوماتىيە بېسىمنى كۈچەيتكەنلىكىنى كۆرگەن خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى، خىتاي مۇئاۋىن دۆلەت مىنىستىرى شى جىنپىڭنى كامبۇدژاگە ئەۋەتتى. خىتاي مۇئاۋىن دۆلەت مىنىستىرى شى جىنپىڭ كامبۇدژادە 3 ، 4 كۈن لاغايلاپ يۈرۈپ كامبۇدژا ھۆكۈمىتى بىلەن سودىلىشىپ، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ شاھىدلىرى بولغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن ماددى ۋە سىياسىي سودلىشىپ ، مەخپى بېسىم قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ سەۋەپتىن كامبۇدژا ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە خەلقئارا دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلەر ۋە ب د ت نىڭ قانۇنلىرىغا ئەمەل قىلماي خىتاي ھاكىمىيىتىنى مەمنۇن قىلىش يولىنى تاللىدى ۋە بۇ بىگۇناھ ئىنسانلارنى خىتاي تېرروچى دۆلىتىگە قايتۇرۇپ بەردى. بۇ بىگۇناھ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلىشى بىر ئىنسانى جىنايەتتۇر، كامبۇدژا بۇ بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ، ماددى ۋە سىياسىي مەنپەئەت بەدىلىگە خىتايغا ساتتى. كامبۇدژانىڭ بۇ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايىتىنى قاتتىق غەزەپ بىلەن ئەيبلەيمىز، دۇنيا ئاخباراتلىرى ئېلان قىلغاندەك، تۈركىيە خەلقى ۋە دۇنيا جامائىتىگە مەلۇم بولغاندەك، بىلگىنىگە ئوخشاش، خىتاي ئۆتكەن 2 ئاي ئىچىدە 20 دىن ئارتۇق بىگۇناھ ئۇيغۇر ياشلىرىنى دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا پەرۋاسىزلارچە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ ئىجرا قىلدى. دۇنيا بۇ ۋەقەلەرنى كۆرۈپ تۇرۇپ سۈكۈت قىلدى. قەيەردە بۇ كىشىلىك ھوقۇق داۋاگارلىرى، نېمە ئۈچۈن بۇ بىگۇناھ ئىنسانلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلىۋاتقان زۇلۇم دۇنيا جامائىتىنى ھەرىكەتلەندۈرەلمەيدۇ؟ خىتاي، شەرقىي تۈركسىتاندا خالىغانچە بىگۇناھ ئىنسانلارنى قەتلى قىلىۋاتىدۇ، زۇلۇم ۋە ئىشكەنجە قىلىۋاتىدۇ، كىشىلىك ھوقۇقنى ئىزچىل ھالدا دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ، بۇلار كۇپايە قىلمىغاندەك پۈتكۈل خەلقئارا قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق خىتاپنامىلارنى يوققا چىقارغان خىتاي تېررورچى دۆلەت ئۆز تېرىتورىيىسى سىرتىدىمۇ ئوخشاش سىياسەتنى ۋە تىررورلۇق ھەرىكىتىنى شىددەتلىك ھالدا داۋام قىلماقتا. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر خەلقىگە ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن تەھدىت قىلماقتا. كامبۇدژا ھۆكۈمىتى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن بىگۇناھ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشتىن قوغداش مەسئۇلىيەتچانلىقى دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قۇغداش تەشكىلاتلىرى، ئاخبارات ئورگانلىرى، ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ، سىياسىي پارتىيىلەر، تۈرك خەلقى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق پۈتكۈل دۆلەتلەرنىڭ ئۈستىگە يۈكلەندى. ب د ت نىڭ سىياسىي پاناھلىق بېرىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغانلارنىڭ بۇ شەكىلدە خىتايغا قايتۇرۇلىشى ۋە بۇ ھەقتە ب د ت نىڭ سۈكۈتتە قېلىشى ئىنساننى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدىغان قايغۇلاندۇرغۇچى بىر ئىش. بۇ ھەقتە ب د ت ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ئەھمىيەت بەرگەن دۆلەتلەر كامبۇدژانى دۆلەت ئارا ۋە قانۇن ساھەدە سۇراققا تارتىشى ۋە ئېغىر دەرىجىدە جازا بېرىشى كېرەك. ئەگەر خىتاي ئاستا - ئاستا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ ئۆلتۈرۈش سىياسىتىگە بۇ شەكىلدە سۈكۈت قىلىنسا يېقىن كەلگۈسىدە خىتاينىڭ پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يوق ئېتىش ۋە ئاسىملاتىسىيە قىلىش سىياسىتىنى قوللىغان بولىمىز.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى كامبۇدژاگە قارشى ئېلان قىلغان بۇ بايانات تۈرك تىلىدا تەييارلانغان بولۇپ، تۈركىيىدىكى پۈتكۈل دۆلەت ئورگانلىرىغا، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىغا يوللاندى ھۆرمەت بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى
www.maarip.org