تۈركىيىدە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ ئالدى كەينىدە شەرقي تۈركىستان مەسىلىسگە قارىتا قانداق ئۆزگۈرۈشلەر بولدى
تۈركىيە خەلقى ئۇيغۇرلارنى دىنى، مىللىي قېرىنداش، ئىرقي قانداش ، تارىخىمىز بىر دەپ قارايدۇ، كەچمىشتە تۈركلەر ئوتتۇرا ئاسىيادىن خۇسۇسەن شەرقىي تۈركىستاندىن كۆچۈپ كەلگەن دېگەن ئوقۇم تۈركلەر ئارىسىدا ئومۇملاشقان شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركلەر شەرقىي تۈركىستاننى ئەسلى ئانا ماكانىمىز دەپ قارايدۇ، تۈرك خەلقى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن ئىلگىرى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بەزى سىياسى ۋە ئىقتىسادى سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۇيغۇرلارغا ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئۇيغۇرلار كۈتكەندەك خىزمەت قىلالمىغان بولسىمۇ، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەندىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى. تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى مىللىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېلان قىلدى ۋە خىتاينى بۇ ۋەھشىيلىكنى دەرھال توختىتىشقا چاقرىق قىلدى، دۆلەت مىنىسىتىرى بۈلەنت ئارىنچ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇت ئوغلۇ قاتارلىق مىنىستىرلارمۇ ئارقا - ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلدى ۋە خىتاي بىلەن دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلەر قۇرۇپ ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقنى دەرھال توختىتىشقا چاقرىق قىلدى.
تۈركىيىنىڭ رادىئو، تېلۋېزىيە، گېزىت - ژۇرنال قاتارلىق پۈتكۈل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار ئېلان قىلدى، تۈركىيە خەلقى ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ يېقىندىن تونۇپ يەتتى. تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى سىياسىي پارتىيىلىرى ئايرىم ئايرىم خىتايغا قارشى باياناتلار ئېلان قىلدى، يىغىن نامايىشلار ئۇيۇشتۇرۇپ خىتايغا بولغان غەزەپ - نەپرەتلىرىنى ئىپادىلىدى. دىمەك ئۇ ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۈن تەرتىپىگە كەلدى.
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى بولغاندىن بىرى تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە يىغىن، مۇراسىملار ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى كەچمىشلىرى، ھازىرقىي ۋەزىيىتى ۋە كەلگۈسى ھەققىدە بەس - مۇنازىرە قىلىپ شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىپ كەلمەكتە. دىمەك ھازىرمۇ ئەڭ ئاز دېگەندە ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم بولسىمۇ تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىكى ئۇنىۋېرىستلاردا، تەتقىقات مەركەزلىرىدە، ئىجتىمائى تەشكىلاتلار ۋە ۋەخپلەرنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلماقتا.
تۈركىيە ھۆكۈمىتى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن تۈركيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىدە تورۇشلۇق روخسەت كېنىشكىسى يەنى ئىقامەت يوقلىرىغا ئىقامەت بېرىشكە، تۈركىيە گىراژدانى بولمىغانلارنى تۈركىيە نۇپۇسىغا قوبۇل قىلىشقا باشلىدى.
ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﯩﺪﺍ 2009 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺋﺎﻱ، ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ 5 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﯩﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﯩﺸﻼﺭﻣﯘ ﺋﻪﻧﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ، 8 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﻰ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﻪﯞﻩ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺖ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺖ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺳﯩﺮﺍﺟﯩﺪﯨﻦ ﻛﺎﺭﺍﻳﺎﻏﯩﺰ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩﻗﻪﻟﻪﺭ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ - ﺧﯩﺘﺎﻱﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺖ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻕ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺴﺘﯧﭙﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ، 9 - ﺋﯩﻴﯘﻝ "ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ"ﻧﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺖ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺋﻪﺩﯨﺒﻪ ﺳﯚﺯﻩﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ - ﺧﯩﺘﺎﻱ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺖ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻕ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺴﺘﯧﭙﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﯩﺪﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ. 10 - ﺋﯩﻴﯘﻝ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻫﻮﻗﯘﻕ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﻰ، ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﺧﻪﻟﻖﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩﻗﻪﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻫﻮﻗﯘﻕ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﻰ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺋﯧﭽﯩﺸﻘﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻖ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻫﻮﻗﯘﻕ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺯﻩﻓﻪﺭ ﺋﯜﺳﻜﯜﻝ، ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺕﺧﻪﻟﻖ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻘﯩﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﺧﻪﻟﻖ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﯞﻩﻗﻪﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯜﺷﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻡﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ، ﯞﻩﻗﻪ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﯗﻕ، ﺩﯦﺪﻯ. ﻛﯧﻴﯩﻦ 5 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﺪﻩ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﭖ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ - ﺧﯩﺘﺎﻱ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺖ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻕ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺪﯨﻦﺋﯩﺴﺘﯧﭙﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺖ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ 107 ﮔﻪ ﻳﻪﺗﺘﻰ. ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﻩﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺷﯩﭽﻪ ﻳﻪﻧﻪ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻫﻮﻗﯘﻗﻨﻰ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﺶ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩﻗﻪﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ. ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺖ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺯﻩﻓﻪﺭ ﺋﯜﺳﻜﯜﻝ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩﻗﻪﻟﻪﺭﻧﻰﻛﯚﺯﯨﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺑﯘ ﯞﻩﻗﻪﻟﻪﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تۈركىيە ئىجتىمائى تەشكىلاتلار تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە ئورتاق خىزمەت ئىشلەپ كەلمەكتە. تۈركىيىدىكى ھەر قايسى شەرقىي تۈركىستان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە ئاكتىپ ھالدا پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن تۈرك خەلقىدىن مەمنۇن بولدى دەپ قارايمەن. خۇسۇسەن ئۈزەم ئىچ ئىچىمدىن مەمنۇن بولدۇم، تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتايغا قارشى ئاشۇنداق قاتتىق مەيداندا تۇرىمىغان بولسا خىتاي ھازىرقىدىن نەچچە ھەسسە ۋەھشىيلىكنى يۈرگۈزۈپ نەچچە مىڭ بەلىكى نەچچە يۈز مىڭ ئۇيغۇرنى قەتلى قىلىشى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس ئىدى. بىز تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە تۈرك خەلقىگە تەشەككۈر ئېيىتىمىز. شەرقىي تۈركىستان بىر كۈنى مۇستەقىللىققا ئېرىشىدۇ، بۇنىڭغا ئىشەنچىمىز كامىل. بىز مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندە تۈركىيە خەلقىنىڭ بۇ ياخشىلىقلىرىنى قايتۇرىدىغان كۈنلەرمۇ كېلىدۇ دەپ قارايمەن. تۈركىيىنىڭ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا قارىتا تۇتقان مەيدانى تارىخ سەھىپىسىگە يېزىلىدۇ.
ئارسلان
www.maarip.org