خىتايلارنىڭ بىردىن بىر مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى يوق ئېتىش
08-12-2009
خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى شەرقى تۈركىستاندا ئاتالمىش ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ ، ئۇيغۇر خەلقىنى ئوز ئوزىنىنى ئىدارە قىلىش ھوقوقىدىن بەھرىمەن قىلىۋاتقانلىقىنى ھەدەپ جار سالماقتا. شۇنداقلا يەنە شەرقى تۈركىستاندا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن تىنچ ئىتتىپاق ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بىراق دەر ھەقىقەت شۇكى خىتاي كوچەمنلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئوت بىلەن سۇدەك چىقىشالمايدۇ. ئۈرۈمچى 5- ئىيۇل ۋەقەسىدە خىتاي ئارمىيە ۋە ساقچىلىرىنىگ ئالدى بىلەن قول سېلىپ نەچچە مىڭ ئۇيغۇرنى كوچىدىلا ئوققا تۇتۇپ ئولتۇرۇۋەتكەنلىكى، ئارقدىن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قوللىرىغا قاتىللىق قۇراللارنى ئېلىپ چىقىپ ئۇيغۇرلارنى ئىرقى قىرغىن قىلغانلىقى سىر ئەمەس.
خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا نۆۋەتتە مۇستەملىكىچى ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭدىكى مىللىي ئاپتونومىيە قانۇنى ياخشى يۇرگۇزۇلۋاتىدۇ دېگىنى پۈتۈنلەي يالغان. يەنى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى شەرقى تۈركىستاندا مىللىي ئاپتونۇمىيە سىياسىتىنى ياخشى يۈرگۈزدى ئەمەس، بەلكى ئۆزى تۈزۈپ چىققان قانوننى ئۆزى دەپسەندە قىلماقتا. ئاتالمىش ئاپتونومىيە قانۇنى نامدا بار ئەمەلدە يوق نەرسىگە ئايلىنىپ قالماقتا. شەرقى تۈركىستاندا ھەر يىلى مىليۇنلاپ ئېقىپ كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ نوپۇسى 10 مىليوندىن ئېشىپ پۈتكۈل شەرقى تۇركىستانننىڭ بايلىقى ، مەدەنىيەت مائارىپ، سىياسىتى، ۋە باشقا مەمۇرى ھوقۇقلىرىنى پۈتۈنلەي كونتىرۇل قىلىۋالدى. ۋە شەرقى تۈركىستاننىڭ بايلىقلىرىنى بۇلاپ تالىغاننى ئاز دەپ ئىقتىسادىي جەھەتتە ئېغىر دەرىجىدە تالان تاراج قىلغان شەرقى تۈركىستان خەلقنى قۇل قىلىپ ئىشلەتمەكتە. خىتاي كۆچمەنلىرى بولسا ھەر جايدا خوجايىن بۆلۈۋېلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنى ھايۋان ئورنىدا ئىشلەتمەكتە.
خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندا مىللىي ۋە دىننى مەسىلە يوق دېگىنىمۇ پۈتۈنلەي يالغان. دىننى جەھەتتە خىتاي بويىچە ئەڭ ئېغىر دەرىجدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقان جايمۇ يەنىلا شەرقى تۈركىستان. خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئۇزۇندىن بۇيان دۇنياغا تونۇلۇپ ، پۈتۈن دۇنيانىڭ ياردىمى ھېسداشلىقى، ھىمايىسىگە ئېرىشىپ كېلىۋاتقان تىبەت رايونىغا قارىتا ئوچۇق ئاشكارا ھالدا قول سالالمىغان بىلەن بىراق دۇنيادىن خەۋەرسىز قالغان، پۈتۈن دۇنيا تەرىپىدىن تاشلىنىپ ئۇنتۇلۇپ كەتكەن شەرقى تۇركسىتاندا خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى خالىغىنىنى قىلماقتا. يەنى بۇ جايدىكى دىننى باستۇرۇش ۋە دىننى ئەركىنلىكنى بوغۇش شۇنچىلىك ئېغىر دەرىجىگە يەتتىكى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ھەتتە ھەر بىر ئۇيغۇرغا دېگۈدەك كۆز قۇلاق بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىننى ئىبادەت قىلىۋاتقانلىقىنى سېزىپلا قالسا ئۇلارنى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن جازالاش ئۇمۇملۇشۇپ كەتكەن.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىننى ئەركىنلىكىنى بوغۇدىغان ، دىننى جەھەتتىن زىيانكەشلىك قىلىدىغان ۋە باستۇرىدىغان بۇ خىل ئېچىنىشلىق ئەھۋاللار جەنۇبىي رايۇنلاردا تېخىمۇ ئېغىر. دېمەك خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئۇيغۇرلارنى دىننى ۋە مىللىي جەھەتتىن باستۇرۇشنى بىر كۆنمۇ توختىتىپ قويغىنى يوق.
شەرقى تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك خىتايدىكى ئەڭ ئېغىر جاي ھىساپلىندۇ. خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىگ 60 يىلدىن بۇيان شەرقى تۈركىستانغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان سىياسىتىگە نەزەر سالىدىغان بولساق خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بەخت سائادىتىنى كۆزلەش ئەمەس بەلكى ئۇيغۇرلارنى ئاسمىلاتسىيە قىلىش ۋە باستۇرۇپ يوقىتىشتىن ئىبارەت ۋەھشىي فاشىستىك سىياسەتنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلە تىرىلىشى بىلەن كارى بولماي بەلكى ئۇيغۇرلارنى بۇ زېمىندا قىيناپ ئازابلاپ يوقىتىش، ئەڭ ئاخىردا ئىتائەتمەن قۇللارغا ئايلاندۇرۇپ بۇ زېمىننى ئۆزىنىڭ مەڭگۇلۈك تۇپراقلىرىغا ئايلاندۇرۋەلىش ھەم شۇنداقلا بايلىققا كۆمۈلۈپ ياتقان بۇ گۇھەر زېمىندىكى بايلىقلارنى ئۆزىنىڭ قىلۋەلىشنى مەقسەت قىلغانلىقنى كۆرۈپ ئالالايمىز. شەرقىي تۈركىستان ئىنفورماتىسىيە مەركىزىنىڭ رەئىسى ئابدۇجېلىل قارىقاش ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ ، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاننى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنى پەقەتلا ئويلىمايدىغانلىقىنى ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ قەت كوتۇرۇشىنىمۇ ھەرگىز خالىمايدىغاننلىقىنى ئەكسىچە خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ھەقىقىي غەرىزى بولسا ئۇيغۇرلارنى بالدۇرراق ئاسىملاتىسىيە قىلىپ بۇ زېمىننىڭ پۈتمەس تۈگىمەس بايلىقلىرىنى خاتىرجەم بۇلاڭ تالاڭ قىلىش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقنىڭ نۆۋەتتىكى ھالاكەتلىك تەغدىردىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىن بىر يولى ئالىي ئاپتونومىيە ئەمەس بەلكى ئۈزۈل كېسىل مۇستەقىللىقە ئېرىشىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئايسىما مىرسۇلتان
www.maarip.org