تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ خىتاي زىيارىتى داۋام قىلماقتا.
تۈركىيىنىڭ خەبەر7 تور بېكىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بېيجىڭنى زىيارەت قىلىۋاتقان ئابدۇللاھگۈل تۈنۈگۈن ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزدى ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ بەردى.
بىر مۇخبىر جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلگە، تۈنجى قېتىم بىر تۈركىيە دۆلەت رەئىسنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى ياشايدىغان ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلماقچى بولغانلىقىنى خاتىرلاتقاندا ئابدۇللاھ گۈل مۇنداق دېدى: ئۇيغۇر تۈركلىرى خىتاي ئىچىدە ياشاۋاتقان خىتاي گراژدانى بولغان ئىنسانلار، بىز بىلەن تارىخىي كۆۋرۈكلۈك مۇناسىۋەت بار. خىتاي دائىرلىرى، بىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر رايونىغا قىزىقىدىغانلىقىمىزنى، كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىمىزنى بىلىدۇ، ئۇلار دەۋەت قىلدى، بىز ئۈرۈمچىگە كېتىۋاتىمىز، بۇ دۆلەتتىن بەك مەمنۇن بولدۇق.
ئابدۇللاھگۈل يەنە خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا - تىجارەتتە تەڭپۇڭسىزلىق بولغانلىقىنى تۈركىيىگە پايدا ئېلىپ كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 17 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ھەجىمدە بىر تىجارەت بولىۋاتىدۇ، ئەمما بۇنىڭ 15 مىليارد دوللارلىق ھەجىم خىتاينىڭ تۈركىيىگە ئېكسپورت قىلغان ماللاردىن ئىبارەت. بۇ چوڭ بىر تەڭپۇڭسىزلىق، خىتاي تۈركىيىدە پەقەت 60 مىليون دوللارلىق سەرمايە سالغان. تۈركىيىنىڭ خىتايدىكى تىجارەت سەرمايىسى بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق. 60 مىليون دوللارلىق بىر سەرمايە ئانادۇلىيەدىكى بىر شېركەتنىڭ سالىدىغان سەرمايىسى. نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق چوڭ بىر دۆلەت تۈركىيىدە پەقەت 60 مىليون دوللارلىق سەرمايە سالىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن 60 مىليارد دوللارلىق سەرمايە سالمايدۇ؟ خىتاي بۇنى بىلمىدى، كۆرمىدى. خىتاي دائىرلىرى بىلەن بۇ ھەقتە تەپسىلى سۆھبەتلەشتۇق.
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل خىتاينى زىيارىتى قىلىشتىكى ئاساسى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: بىز ئاساسلىقى 90 % پرسەنت ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە سۆھبەتلىشىش ۋە كېلىشىم تۈزۈش ئۈچۈن كەلدۇق، بىر ئاز سىياسى مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەتلەشتۇق، باشقا دۆلەتلەر ئادەتتە رەسمىي زىيارەتلىرىدە يۈزدە يەتمىش پرسەنت سىياسى مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەتلىشىدۇ، بىز بۇ قېتىم يۈزدە توقسان پرسەنت ئىقتىساد - سودا ئىشلىرى ھەققىدە سۆھبەتلەشتۇق.
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل بېيجىڭ زىيارىتىدىن كېيىن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇرۇمچى شەھىرىنى زىيارەت قىلىپ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا تۈركىيىگە قايتىدىكەن.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەشۋىقات بۆلۈمى
www.maarip.org