گۇئانتانامۇ تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلاردىن بەزلىرى پالائۇغا كېتىشنى خالىمايدۇ
23-06-2009
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گۇئانتانامۇ تۈرمىسىدىكى ھەربى تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان 13 ئۇيغۇردىن بەزىلىرىنىڭ تىنچ ئوكيان ئاراللىدىكى پالائۇغا كېتىشنى خالىمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
پالائۇ ھۆكۈمىتى بۇ ئاينىڭ بېشىدا ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
پالائۇ ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى جھونسون تورىبىئېڭ ئۆتكەن ھەپتە پالائۇدىن بىر ھەيئەتنىڭ گۇئانتانامۇغا كەتكەنلىكىنى ئەمما 13 نەپەر ئۇيغۇردىن سەككىزنىڭ ھەيئەت بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇيغۇرلارنىڭ بەزلىرىنىڭ پالائۇ ئارىلىغا كېتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2003 - يىلى قويۇپ بېرىلىشى قارار قىلىنغان ئۇيغۇرلارنى خىتايلار تەلەپ قىلماقتا، ئەمما ئامېرىكا ئۇلارنىڭ قىيىن قىستاق ۋە ئىسكەنجە كۈرۈش ئېھتىمالىنى كۆزدە تۇتۇپ خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلدى.
گۇئانتانامۇ تۈرمىسىدىكى 22 نەپەر ئۇيغۇرلاردىن 5 نەپىرى 2006 - يىلى ئالبانىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ تۆت نەپىرى بۇ ئاينىڭ بېشىدا بېرۇدا تاقىم ئارىلىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. قالغان 13 نەپەر ئۇيغۇر خىتاي ۋە ئامېرىكىدىن باشقا ئۈچۈنچى بىر دۆلەتنىڭ قوبۇل قىلىشىنى كۈتۈپ گۇئانتانامۇ تۈرمىسىدە ياتماقتا.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى تەشۋىقات بۆلۈمى
www.maarip.org