ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ لىدەرى يارىلاندى
ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ لىدەرى تاھىر يولداشنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئازاتلىق رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستان ھەربى باياناتچىسى ئەتھەر ئابباس بايانات بېرىپ ، پاكىستاننىڭ ئافغانىستان چىگىراسىغا يېقىن رايوندا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمى نەتىجىسدە ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى لىدەرى تاھىر يولداشنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، تاھىر يولداشنىڭ ۋەزىرىسىتاننىڭ شمالىي رايونىدىكى ماكىين ناھيىسىدە ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا يارىلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ھاۋا ھۇجۇمىدا يەنە ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ 30 نەپەر ئەزاسىنىڭ ئۆلگەنلىكى داۋا قىلىنغان.
ئۆزبېكىستان رەسمى مەنبەلىرى. 1996 - يىلى قۇرۇلغان ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ 1999 - يىلى ئۆزبېكىستاندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملار بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇ تەشكىلات ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن ئەلقائىدە تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ قارالغان تېررورچى تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە قوشقان ئىكەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ . ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ لىدەرى تاھىر يولداشنىڭ يارىلانغانلىقى ۋە ئۆلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغان ئىدى. ئەمما بۇ خەۋەرلەرنىڭ قانچىلىك توغرا ئىكەنلىكىگە ئالاقىدار ئېنىق ئىسپات تېپىلمىغان.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى تەشۋىقات بۆلۈمى
www.maarip.org