ئىتالىيە گۇئانتانامۇدىكى مەھبۇسلاردىن 3 نەپەرنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
16-06-2009
ئامېرىكا رەئىسى باراك ئوباما ئىتالىيەنىڭ، گۇئانتانامۇ تۈرمىسىدىكى مەھبۇسلاردىن 3 نەپەر كىشىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئوباما. ئىتالىيە باش مىنىستىرى سىلۋىئو بېرلۇسكونى بىلەن ئاقسارايدا ئۇچراشقاندىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا، گۇۋائانتانامۇ تۈرمىسىنى تاقاش سىياسىتىمىزنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن باش مىنىستىرگە تەشەككۈر ئېيىتتىم. دېگەن. بۇنىڭ پەقەت سۆز بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن باراك ئوباما، ئىتالىيەنىڭ 3 نەپەر مەھبۇسنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەمما ئۇ مەھبۇسلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئاشكارىلىمىغان .
2002 - يىلدىن ئېتىبارەن گۇئانتانامۇدىن ئەڭ ئاز 30 دۆلەتكە 540 تىن ئارتۇق مەھبۇس ئەۋەتىلدى. ئۇ يەردە ھازىر تەخمىنەم 230 كىشى تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.
ئامېرىكا رەئىسى ئوباما 2010 - يىلىغىچە گۇئانتانامۇ تۈرمىسىنى تاقاشقا بۇيرىق قىلغان ئىدى.
ياۋرۇپا ئىتتىپاقى گۇئانتانامۇ تۈرمىسىنىڭ 2010 - يىلى 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنىگىچە تاقاشقا ۋەدە بەرگەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى قوللاش ئۈچۈن مەھبۇسلارنى ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قوبۇل قىلىشىغا روخسەت قىلغان ئىدى. ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بەزى دۆلەتلەر گۇئانتانامۇ تۈرمىسىدىكى مەھبۇسلارنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىتالىيە قوبۇل قىلماقچى بولغان مەھبۇسلارنىڭ سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان ئەمما بەزى ئۇيغۇرلار ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر بولۇشىنى ئۈمىد قىلماقتا. گۇئانتانامۇ تۈرمىسىدە ھازىر 13 نەپەر ئۇيغۇرمۇ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ پالائۇ ھۆكۈمىتى ئۇلارنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ ھازىر ئىككىلىنىپ قالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.ئۆتكەن ھەپتەگۇئانتانامۇ تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان 17 ئۇيغۇردىن 4 نەپەر ئۇيغۇرنى بېرىمۇدا قوبۇل قىلغان ئىدى.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى تەشۋىقات بۆلۈمى
www.maarip.org