ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەدى نىجاد قايتىدىن دۆلەت رەئىسى بولۇپ سايلاندى
ھازىرقى رەئىس ئەھمەدى نىجاد 10 - قېتىملىق ئىران دۆلەت رەئىسى سايلىمىدا كۆپ قىسىم ئاۋازغا ئېرىشىپ مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا يەنە بىر قېتىم زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلاندى.
ھازىرغىچە يۈزدە 75% پرسەنت سايلام بېلىتى ئېچىلغان بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە ئەھمەدى نىجاد يۈزدە 65% پرسەنت ئاۋازغا ئېرىشىشكە مۇۋاپىقىيەت بولغان.
ئىراندا تۈنۈگۈن ئېلىپ بېرىلغان 10 - قېتىملىق رەئىس سايلىمىنىڭ رەسمى بولمىغان نەتىجىلەرگە قارىغاندا ئەھمەدى نىجاد غەلبە قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىشقا تەييارلانماقتا.
سايلام كومېتتى باشلىقى كامران دانىش 45713 سايلام بېلىتى تاشلانغان ساندۇقتىن 35مىڭ268 ساندۇقنىڭ سايلام بېلىتىنىڭ ئېچىلىغانلىقىنى بۇ نەتىجىلەرگە قارىغاندا ساندۇقلارنىڭ يۈزدە 77% پرسەنتىنىڭ ھېساپلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەھمەدى نىجاد سايلامدا بېلەت تاشلاشتىن بورۇن كىملىكىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ
ئىران دۆلەت رەئىسى سايلىمىدا بېلەت تاشلاشتىن كۆرۈنۈش
خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، ئەخمەدى نىجاد ئىران يېزىلاردا 75% پرسەنت ئاۋازغا ئېرىشىپ ئىسلاھاتچىلار نامزاتى سابىق باش مىنىستىر مۇساۋىغا قارىغاندا ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن.
مۇساۋى بولسا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۆزىنىڭ بۇ قېتىملىق رەئىس سايلىمىدا غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى مۇقەررەرلەشتۈرگەن.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى تەشۋىقات بۆلۈمى
www.maarip.org