پالائۇ دۆلىتى گۇئانتانامۇدىكى 17 ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلماقچى
تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلىتى پالائۇ، ئامېرىكىنىڭ گۇئانتانامۇ تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرىۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇرنى ۋاقىتلىق قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پالائۇ دۆلەت رەئىسى جوھنسون تورىبىېڭ. ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ بۇ ھەقتە بىر تەلەپتە بولغانلىقىنى ئىپادىلەپ، ئۆزىنىڭ دۆلىتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك بىلەن ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى قوبۇل قىلىشتىن غۇرۇرلىنىدىغانلىقىنى ۋە شەرەپ ھىس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پالائۇ دۆلەت رەئىسى جوھنسون تورىبىېڭ ئاخباراتچىلارغا بەرگەن باياناتىدا 17 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ ۋەزىيەت ئەھۋالىنى بەلگىلەنگەن بىر ۋاقىتتا كۆزدىن كەچۈرۇدىغانلكىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
فېلىپپىننىڭ شەرقي ساھىلدىن 800 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇققا جايلاشقان 8 چوڭ ۋە 250 كىچىك ئاراللاردىن تەركىپ تاپقان دېڭىز ئىچىگە جايلاشقان پالائۇ ئارال دۆلىتى 26 مىڭ نۇپۇسى بار كىچىك بىر دۆلەت ئىكەن. ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن 'دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەسلىكى' ئېلان قىلىنغان 17 نەپەر ئۇيغۇر ئۆتكەن يىلى ئامېرىكىنىڭ بىر سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىشنى ھۆكۈم قىلغان ئىدى. ئەمما ئالى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسى ئۇ ھۆكۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. شۇنىڭ بىلەن گۇئانتانامۇ تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇر شۇ ۋاقىتتىن ھازىرغىچە ئېنىق بولمىغان بىر ھوقۇقى ۋەزىيەتكە ئىگە بولغان. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى پالائۇغا ئەۋەتىدىغانلىقىنى رەت قىلدى. ئەمما ئىككى نەپەر ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى قوبۇل قىلغاننىڭ بەدىلىگە ئامېرىكا پالائۇ دۆلىتىگە تەرەققىيات ۋە دۆلەت سەرمايە ياردىمى ۋە باشقا يوللار بىلەن 200 مىلىيون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى تەشۋىقات بۆلۈمى
www.maarip.org