تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلدى
2009 - يىلى 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تۈركىيىنىڭ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ 3 - قېتىملىق ئومۇمىيۈزلۈك قۇرۇلتېيىغا قاتنىشىش ئۈچۈن قەيسەرى شەھىرىگە كەلگەن تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان قەيسەرىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلىپ ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەشتى. باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان، پارتىيىسىنىڭ 3 - قېتىملىق شەھەرلىق ئومومىيۈزلۈك يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن قەيسەرى شەھرىدىكى قادىرخاس قۇرۇلتاي يېتىپ كەلدى. قادىر خاس قۇرۇلتاي زالىغا يېقىنلاشقاندا بىر ئايال ئەردۇغاننىڭ ئالدىنى توسۇپ بۇنىڭدىن 3 يىل ئىلگىرى ئۆيىنى زىيارەت قىلىدىغانلىق توغرىسدا ۋەدە بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن، باش مىنستىر ئەردۇغان، ئۇ ئايالغا يىغىندىن كېيىن ئۆيىگە زىيارەتكە كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ناشتىلىق تەييارلاپ تۇرۇشنى ئېيىتقان. كېيىن خەلقنىڭ قىزغىن كۈتىۋېلىشى بىلەن قۇرۇلتاي زالىغا كىرىپ كەلگەن باش مىنىستىر ئەردۇغان يىغىندا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى سېتىۋالغان تەبىئى گاز ۋە ئاپتۇۋۇز قاتناشنىڭ ئېچلىش لېنتىسىنى كەستى. كېيىن قادىرخاس يولىغا يېقىن جايلاشقان شەرقىي تۈركىستانلىق فاتىمە كۆكتۈرك ئىسملىك ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلىپ ئۇلار بىلەن سەمىمى سۆھبەتلەشتى. 30 مىنۇت ئەتراپىدا سۆھبەتلەشكەن باش مىنىستىر ئۇئائىلىنىڭ تۈرمۇش ئەھۋالى ۋە قىيىنچىلىقلىرىغا قۇلاق سالدى. باش مىنىستىر ئەردۇغان شەرقىي تۈركىستانلىق كىشىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىش جەرىيانىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تومتۈركنى قۇبول قىلدى. سىيىت تۇمتۇرك باش مىنىستىر ئەردۇغانغا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاڭلاتتى. ئۇ يەردە باش مىنىستىر ئەردۇغان خەيرۇننىسا تۈمتۈرك ئىسىملىك كىچىك بالىنى قولىغا ئېلىپ سۆيدى ۋە ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ يۈرۈپ كەتتى.
سۈرەتتە: باش مىنىستىر ئەردۇغان خەيرۇننىسا تۈمتۈرك ئىسىملىك كىچىك بالىنى قولىغا ئېلىپ سۆيدى
تۈركىيىنىڭ باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغاننى ئۆيىدە كۈتىۋېلىپ ساھىپخانلىق قىلغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال بولغان 55 ياشلىق فاتىمە كۆكتۈرك ئىسىملىك ئۇيغۇر ئايال ئۆزىنىڭ خۇشاللىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: باش مىنىستىر ئەردۇغان. يولدىشم ۋە مەن بىلەن ئۆيىمىزدە كۆرۈشتى. ھال ئەھۋالىمىزنى سورىدى. تۈرمۇشىمىزنىڭ قانداق ئۆتىۋاتقانلىقىنى سورىدى. مەن كونا ئۆيدە ياشاۋاتقانلىقىمىزنى يولدىشىمنىڭ پىنسىيە مائاشى بىلەن تۈرمۇش كەچۈرىۋاتقانلىقىمىزنى بىلدۈردۈم. باش مىنىستىر ئۆي توغرىسىدا مىنسىتىر مەھمەت ئۆزھاسەكىغا تەلىم بېرىپ ئۇ ئىشنى بېجىرىشنى بىلدۈردى. ۋە كېرەك بولسا مەن ئۆزەم ئەھدىنامە بېرىپ ئۆي ئىشىدا ياردەم قىلىمەن دېدى. باش مىنىستىر ئۇ ئۆيدە چاي ئىچكەندىن كېيىن بېغىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ ئۈرۈك يىگەن.
سۈرەتتىكى: تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغاننى ئۆيىدە كۈتىۋالغان شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر ئايال فاتىمە كۆكتۈرك 55
باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردۇغانغا ساھىبخانلىق قىلغان فاتىمە كۆكتۈركنىڭ يولدىشى گۇلمەھمەت كۆكتۈرك 74) ياش( مۇخبىرلارنىڭ. باش مىنىستىردىن نېمە تەلەپ قىلغانلىقىنى سورىغاندا: مەن بىر شەرقىي تۈركستانلىق باش مىنىستىردىن ھېچ نەرسە تەلەپ قىلمىدىم، ئەگەر پۇرسەت بولسا ئىدى. مېنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا 4 نەۋرەم بار ئۇلارنى 40 يىلدىن بىرى ماددى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئۇلارنى كۆرەلمىدىم. باش مىنىستىر ماڭا ياردەم قىلسا ئانا ۋەتىنىمگە بېرىپ ئۇلارنى كۆرۈشنى خالايدىغانلىقىمنى بىلدۈرمەكچى ئىدىم پۈرسەت بولمىدى، دەپ جاۋاپ بەرگەن. ئىگەللىنىشىچە، باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان بۇنىڭدىن 3 يىل ئىلگىرى يەنى 2006 - يىلى دۆلەت رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل بىلەن قەيسەرىگە كەلگەندە فاتىمە كۆكتۈرككە ئۆيىنى زىيارەت قىلىپ ناشتا قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن ئىكەن. باش مىنىستىر ئەردۇغان ۋەدىسىنى ئونۇتماي بۇ قېتىم قەيسەرىگە بارغاندا فاتىمە كۆكتۈركنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلغان.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى تەشۋىقات بۆلۈمى
www.maarip.org